خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىنى ئامېرىكاغا قارشى «خەلق ئۇرۇشى» قوزغاشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز سادا
2019.05.15

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 300 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويۇش ھەققىدە بېشارەت بەرگەندىن كېيىن، بېيجىڭ دائىرىلىرى خىتاي خەلقىنى ئامېرىكاغا قارشى «خەلق ئۇرۇشى» قوزغاشقا چاقىرغان.

«خەۋەرلەر ۋاقتى» تورىدا 14-ماي ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ماللىرىغا قاراتقان زور سوممىلىق تاموژنا بېجى سىياسىتىگە «ئاچكۆز ۋە مەنمەنچى» دەپ ھۇجۇم قىلغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى «خەلق ئۇرۇشى» قوزغاش ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغان.

«يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كانىيى بولغان «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىدا ئامېرىكا تەرەپ ئاچكۆزلۈك ۋە مەنمەنچىلىك قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ نوچىلىقى ھامان بىر كۈنى سۇنىدۇ. بىزنىڭ قىلماقچى بولغىنىمىز ئۇلار بىلەن ئېلىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتۇر،» دېگەن.

باش ماقالىدە يەنە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «ئامېرىكادىكى سودا ئۇرۇشىنى بىر ئادەم ۋە بىر ھۆكۈمەت بەرپا قىلىدۇ، ئەمما ئۇ پۈتۈن بىر دۆلەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقى بۇ قېتىملىق سودا ئۇرۇشىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى، بىز ئۈچۈن بۇ بىر مەيدان ھەقىقىي ‹خەلق ئۇرۇشى› دۇر.»

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىدىكى مەزمۇنلارنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، ئامېرىكىنىڭ يادرولۇق تەلەپلىرىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئىشارە قىلغان ئىدى. شۇندىن كېيىن، ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ جەمئىي 300 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقتىن بېشارەت بەرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.