ئامېرىكا ئاۋىياماتكىلىرى خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز چېگراسىغا توپلانغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.05.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكادىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىياماتكىلىرى خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز چېگراسىغا توپلانغان.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى تەتقىقات ئىنستىتۇتى پاراخوت ئەترىتىنىڭ كۆزىتىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئامېرىكانىڭ «ئابراھام لىنكولىن»، «رونالد رېگان» ناملىق يىراق مۇساپىلىق ھۇجۇمچى ئاۋىياماتكىلىرى ياپونىيە، تەيۋەن، فىلىپپىن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.

بۇ ئاۋىياماتكىلار ئىچىدە «ئامېرىكا»، «ترىپولى» ناملىق ئاۋىياماتكىلار نىسبەتەن كىچىك تىپتىكى ئاۋىياماتكىلار بولسىمۇ، ھۇجۇمچى ئايروپىلانلارنى قوندۇرالايدىكەن ۋە جەڭ ۋەزىيىتىگە ناھايىتى تېز ماسلىشىپ، تېز ھۇجۇم قوزغىيالايدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە تەيۋەننى شەرقتىن ۋە غەربىي جەنۇبتىن قورشاش، «ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش» مانىۋېرى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئامېرىكا پورت رويال ئاۋىياماتكىسى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، 5-ئاينىڭ 10-كۈنى تەيۋەن بوغۇزىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ «لىياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكىسى ئامېرىكانىڭ «ئابراھام لىنكولىن» قاتارلىق ئاۋىياماتكىلىرىغا يېقىن بىر جايدا ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن. ئامېرىكانىڭ ھۇجۇمچى ئاۋىياماتكىلىرى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى فىلىپپىن دېڭىز تەۋەلىكىدە «ھەربىي تەھدىت سالغۇچىغا ھەددىنى بىلدۈرۈش»، «دېڭىزدا يىراق مۇساپىلىق ھۇجۇم قىلىش» مەشقى ئېلىپ بارغان. خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى بۇنىڭغا تېخى ئىنكاس قايتۇرمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت