ئامېرىكا خىتاينىڭ تۆمۈردىن ياسالغان ئالكان گازى باكلىرىغىمۇ تەدبىر قوللانماقچى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-06-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان يەنە بىر مەھسۇلات - تۆمۈردىن ياسىلىدىغان ئالكان گازى باكلىرىغا تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ تەدبىرنى ئامېرىكىنىڭ ئوخايو ۋە تېنېسسىي شتاتلىرىدىكى كارخانىچىلارنىڭ ئەرز-شىكايىتىگە ئاساسەن ئويلاشقان.

دېيىلىشىچە، مەزكۇر ئەرزدار خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئالكان گازى باكلىرىنى دۆلەتنىڭ باج كەچۈرۈم قىلىش، قەرز بېرىپ تۇرۇش قاتارلىق يۆلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق مەھسۇلات تەننەرقىنى ئامېرىكىنىڭ ئوخشاش تىپتىكى مەھسۇلاتلىرىدىن 55 پىرسەنتتىن 109پىرسەنتكە قەدەر تۆۋەنگە چۈشۈرگەنلىكى ۋە بۇ ئەرزان، سۈپەتسىز ماللىرىنى ئامېرىكا بازىرىدا تۆكمە قىلىپ ساتقانلىقى، نەتىجىدە ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئادالەتسىز بىر رىقابەتكە دۇچ كېلىپ كۆپ زىيان تارتقانلىقى شىكايەت قىلىنغان. شىكايەتتە يەنە خىتاينىڭ مۇشۇ خىل يول بىلەن ئامېرىكىغا 90 مىليون دوللارلىق گاز سىلىندىرى ساتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئىلگىرىكى خەلقئارا خەۋەرلەردە خىتاينىڭ ئۆز شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا سۈپەت ئۆتكىلىنى بوش تۇتۇش، ئىشچىلارنى سۇغۇرتىسىز ۋە تۆۋەن ھەق بىلەن ئىشلىتىشىگە كۆز يۇمۇش ئارقىلىق مەھسۇلات تەننەرقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرگەنلىكى ۋە خەلقئارا بازاردا ئادالەتسىز بىر يوسۇندا نەپ قازانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مەسئۇللىرىدىن تېد مىكنەي ئامېرىكىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىلەردىكى خىتاي بىلەن بولغان سودا سۆھبىتىدىن تەسىرات بايان قىلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ سۆھبەت داۋامىدا سان-سىفىرغا كۆپ ئېسىلىۋالغانلىقى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ بولسا گەپنى قائىدە-تۈزۈمگە مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ بۇنىڭغا ئاساسەن خىتاي بىلەن سودىدا كېلىشىشنىڭ خېلى ئۇزۇن بىر مۇساپە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت