ئاقساراي باياناتچىسى: تور بىخەتەرلىكى خىتاي -ئامېرىكا ئارىسىدا يەنىلا زىتىغا تېگىدىغان مەسىلە

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.06.22

ئامېرىكىدىكى FireEye ناملىق بىر تور بىخەتەرلىك شىركىتى دۈشەنبە كۈنى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ 2015-يىلى 9-ئايدىن 2016-يىلى 6-ئايغىچە خىتايدىن ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ياپونىيە شىركەتلىرىگە قارىتا 13 قېتىم تەشكىللىك ۋە ھەرىكەتچان تور ھۇجۇمى بولغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنەست، ئامېرىكا ۋە خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ ئۇ شۇنداق بولۇشىغا قارىماي تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يەنىلا زىتىغا تېگىدىغان مەسىلە سۈپىتىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما ئۆتكەن يىلى پەرمان چىقىرىپ مالىيە مىنىستىرلىقىغا ئامېرىكىغا تور ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان دۆلەت ۋە ئورۇنلارغا قارىتا ئىقتىسادىي جازا قوللىنىش ھوقۇقىنى بەرگەن. ئاقساراي باياناتچىسى بۈگۈنكى سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى بىر قىسىم ئورۇنلارغا ئىقتىسادىي جازا قوللىنىشنى تېخى بېكىتمىگەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا تاللىنىدىغان بىر يول ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.