پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى «ئامېرىكا ئاخىرى خىتايدىن ئىبارەت بۇ تەھدىتنى تونۇپ يەتتى» دېگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-06-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرايىن چارشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، «ئامېرىكا ئاخىرى خىتايدىن ئىبارەت بۇ تەھدىتنى تونۇپ يەتتى» دېگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، روبېرت ئوبرايىن چارشەنبە كۈنى قىلغان بىر سۆزىدە، «ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ياشاش ئۇسۇلىغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زور تەھدىت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى، ئۇ ئەمدى بېيجىڭنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنىڭ تارقىلىشىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.

روبېرت ئوبرايىن يەنە، خىتاي ھەققىدىكى بۇنداق سۆزلەرنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، باش تەپتىشى ۋىليام بارر ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفىر ۋراي قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىنمۇ تىلغا ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، روبېرت ئوبرايىن بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكانىڭ ئارىزونا شتاتىدا بىر گۇرۇپپا تىجارەت لىدېرلىرى بىلەن بىر ئارىغا يىغىلغاندا قىلغان. ئۇ بۇ يىغىندىكى سۆزىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكانىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە دائىر پاسسىپ ۋە ساددا كۈنلىرى ئەمدى تۈگىدى، ئامېرىكا پرېزىدېنت ترامپنىڭ رەھبەرلىكىدە ئاخىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەرىكىتى پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتنى ۋە ئۇلارنىڭ بىزنىڭ گۈزەل ھاياتىمىزغا ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرىنى تونۇپ يەتتى».

ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە ئامېرىكانىڭ خىتاينى دېموكراتىيە يولىغا ماڭىدۇ، دېگەن ئىجابىي كۆز قاراش بىلەن يىللاردىن بېرى ئىقتىسادىي ۋە پەن-تېخنىكا جەھەتتىن زور دەرىجىدە قوللاپ كەلگەنلىكىنى، بىراق ئاقىۋەتتە بۇنىڭ ئەكسىچە نەتىجە بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرايىننىڭ يۇقىرىدىكى بۇ سۆزلىرى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىختا كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە چېكىنگەنلىكىنىڭ يەنە بىر يارقىن ئىپادىسى، دەپ قارالماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت