كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىئو: ئامېرىكا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىشى كېرەك

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-07-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ سابىق پرېزىدېنت نامزاتى ماركو رۇبىيو، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشتىكى ئاراللاردا قۇرۇلغان خىتاي ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىق تەسىرىنى يوقىتىش دۇنيانىڭ مەزكۇر ئەڭ مۇھىم دېڭىز قاتناش لىنىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

ماركو رۇبىيو بۇ سۆزلەرنى ئۆتكەن ھەپتە «ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» ناملىق ئامېرىكا تور ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىگەن. ئۇ: «ئەگەر ئۇلار بۇ رايوندا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسى قۇرغان بولسا، بىز ئۇنى ۋەيران قىلىپ تاشلىساق بولىدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ مەزكۇر رايوندا ئۇلارنىڭ مۇداپىئەسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، ئۇنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغۇدەك ھەربىي كۈچىمىز بار. شۇ چاغدىلا بىز ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى كۈچىنى يوقىتالايمىز» دېگەن.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىئو بۇ سۆزلەرنى خىتاي مەزكۇر رايوندىكى ئاراللاردا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە جىددىي خىرىس قىلىۋاتقان مەزگىلدە قىلدى.

خىتاي بۇ رايوندىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرىنىڭ دېڭىز بىخەتەرلىكىنى قوغداش، دېڭىز قاتنىشىغا ياردەم قىلىش، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قارىتىلغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا تەرەپ بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ ھەربىي قوراللار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلدى.

يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس، خىتاينىڭ «بۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇرغان قورال-ياراق سىستېمىسىنىڭ باشقىلارنى قورقۇتۇش ۋە زورلاش مەقسىتىدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەر» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت