خىتاي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى ئالغان تەدبىرىنىڭ خىتاي كارخانىلىرىغا زىيان سالغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-07-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنىدىكى بىر باياناتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىجارىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى «شىنجاڭدىكى سودا تەمىنات زەنجىرى ھەققىدە تەۋسىيە» ناملىق ھۆججەت ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن سودا قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولۇش ئېھتىمالى بولغان تەمىنات زەنجىرلىرىدىن ھوشيار بولۇشقا چاقىرغان. تەۋسىيەنامىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا يۆتكەپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىغا ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكادىكى سودا شىركەتلىرى، ئىلمىي تەشكىلاتلار، شەخسلەر ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بۇ خىل زۇلۇملارغا شېرىك بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن خىتاي شىركەتلىرى بىلەن سودا قىلىشتىن ئىلگىرى ئاشۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش لازىملىقىنى تەلەپ قىلغانىدى.

رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قارار بويىچە ئامېرىكانىڭ زور كۆلەملىك شىركەتلىرىدىن ۋولمارت شىركىتى، ئالما شىركىتى ۋە ئامازون تورى قاتارلىق داڭلىق شىركەتلەرمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك تەمىنلەش زەنجىرلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بايقىغان ۋە نەتىجىدە بۇ شىركەتلەرنى مال بىلەن تەمىنلەۋاتقان خىتاي تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە قالايمىقانلىشىش كەپ چىققان.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى «ئامېرىكانىڭ بۇ ھەرىكىتى تاجسىمان ۋىرۇستىن چېكىنگەن يەرشارى ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكىمۇ زىيان يەتكۈزدى»، دەپ شىكايەت قىلىش بىلەن بىرگە «خىتاي زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى قوغدايدۇ» دېگەن. ھالبۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلۇشىغا قارشى ئالغان يۇقىرىدىكى تەدبىرى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت