ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى يەنە ئەيىبلىدى

2019-07-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر خەلقئارا يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئەيىبلەپ، خىتاي بىلەن بولغان سۆھبىتى قانداق بولسا بولسۇن ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مايك پەنس يېقىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇپ، 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى ئەڭ ھوقۇقلۇق 3 ئەربابنىڭ ئىچىدىكى 2‏-كىشىدۇر. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى 3‏-ھوقۇقلۇق ئەرباب، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈئەنگونى جازالاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس يۇقىرىقى سۆزلەرنى8‏-ئىيۇل كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا تەكىتلىگەن. ئۇ، «شىنجاڭدا كوممۇنىستىك پارتىيە ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىدى. ئۇلار بۇ ئورۇنلاردا توختاۋسىز مېڭە يۇيۇشقا تۇتۇلماقتا» دېگەن. مايك پەنس سۆزىدە يەنە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تىبەت بۇددىستلىرىنى ۋە خىتاي خرىستيانلىرىنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: «نۆۋەتتە ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىمىز ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا. لېكىن بىزنىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان سودا سۆھبىتىمىز قانداق بولسا بولسۇن سىلەر شۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭلار، ئامېرىكا خەلقى خىتايدىكى ھەر خىل دىنىي ئېتىقادتىكى خەلقلەرنىڭ تەرىپىدە تۇرىدۇ».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى نۇقتىلىق مەسىلە بولغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئەسىرنىڭ دېغى» دەپ ئەيىبلىگەن. پومپېيو ۋە پەنسنىڭ سۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 19‏-ئىيۇل كۈنى «تەڭرىتاغ تورى» دا ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر، قازاق زىيالىيلىرىنى ۋە دىنىي ئۆلۈمالىرىنى مايك پومپېيوغا ئىمزالىق ئوچۇق خەت ئېلان قىلدۇرۇپ، مەزكۇر رايوندا بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام ئېتىقادىغا قارىتا سىستېمىلىق يوقىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى رەت قىلغان. ھۆكۈمەتنىڭ رايوندا «كەسپىي ماھارەت تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى قۇرۇپ، رادىكاللىق ۋە تېررورلۇقنىڭ تەسىرىنى تازلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت