ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى كامالا ھاررىسنىڭ سىنگاپور ۋە ۋېيتنامدا قىلغان سۆزى خىتاينىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.08.25

ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى كامالا ھاررىس شەرقىي-جەنۇبى ئاسىياغا قىلغان زىيارىتى داۋامىدا، 24-ئاۋغۇست سىنگاپوردا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدا تەۋەلىك ھوقۇقى تالىشىش ۋە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت سېلىش قىلمىشىنى قاتتىق ئەيبلەپ، ئامېرىكانىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، تىنچ ۋە ئېچىۋېتىلگەن تىنچ ئوكيان رايونى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

ئىككىنچى كۈنى كامالا ھاررىس ۋېيتنامغا زىيارەتكە بارغاندا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى كېڭەيمىچىلىكىنى توسۇش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ ئۇنىڭغا قارشى بېسىمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، ۋېيتنامنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇپ، ئۆز دېڭىز تەۋەلىكىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كامالا ھاررىسنىڭ بۇ ئىككى كۈندە خىتاينى ئارقىمۇ ئارقا ئەيىبلىشى ۋە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە مەدەت بېرىشى خىتاينىڭ ئوغىسىنى قايناتقان. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى «مەغلۇبىيەت ۋە مالىمانچىلىق» دەپ توختىماي ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان خىتاي، كامالا ھاررىسنىڭ بۇ دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىدە قىلغان سۆزلىرىگە چىداپ تۇرالمىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى 25-ئاۋغۇست كۈنى كامالا ھاررىسنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە قايتۇرۇپ، ئامېرىكانى «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلاشتى، رايون تىنچلىقنى بۇزدى» دەپ ئەيىبلىگەن. خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇلىرى كامالا ھاررىسنى «خىتاي بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سالدى،» دەپ تەنقىدلىگەن.

تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى كامالا ھاررىسنىڭ سىنگاپور بىلەن ۋېيتنامدا ئېلىپ بېرىۋاتقان 7 كۈنلۈك زىيارىتى ئامېرىكانىڭ دۇنيا مىقياسىدا خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بېرى جەنۇبى دېڭىزدا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە سودا يوللىرىنىڭ راۋانلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا بۇ رايوندىكى مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» نى قۇرۇپ چىقىپ، خىتاينى پەيلىدىن ياندۇرغان. نۆۋەتتە، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈپ، ئاساسلىق كۈچىنى خىتايغا قارىتىدىغانلىقىنى جاكارلىشىمۇ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاينىڭ كامالا ھاررىسنىڭ سۆزلىرىگە غەزەبلىنىپ، ئامېرىكانى ئەيبلىشى دەل ئاشۇ سەۋەبتىن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.