ئۇيغۇر تەشكىلاتى ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئورناتماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.09.28

ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتى بۈگۈن «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك ھەرىكىتى مەسىلىسىدە ھەمكارلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ماقالە «نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 17-سېنتەبىر ئېلان قىلغان باش ماقالىسىگە قارىتا ئېلان قىلىنغان. «نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 17‏-سېنتەبىر ئېلان قىلغان باش ماقالىسىدە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى، ئامېرىكانىڭ دائېش، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق مەسىلىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئورتاق ھەمكارلىق نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قاناتنىڭ نامىدا يېزىلغان مەزكۇر ماقالىدا «نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» گە رەددىيە بېرىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە بەرگەن تەبىرى مۈجمەل ھەم ئېنىق ئەمەس. مەسىلەن، پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ توردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇنازىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلىرىنى "تېررورلۇق گۇرۇھىغا قاتنىشىشقا قۇتراتتى" دەپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.»

ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەپسىز مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كىرىپ خەۋەر بېرىشىنى چەكلەپ كەلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارغا بىردەك «تېررورچى» مۇئامىلىسى قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن دائېش مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلەرنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ،» دېيىلگەن. ماقالىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى قوراللىقلارنىڭ خىتايغا قايتىپ بارغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل كۆرسىتىپ باقمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا باستۇرۇشنى كېڭەيتىپ، كىشىلەرنى خالىغانچە «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولاۋاتقانلىقى، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنى مەجبۇرى قايتۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.