بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان سودىدا ترامپنىڭ قورالىنى ئىشقا سېلىشى مۇمكىنلىكىنىڭ سىگنالىنى بەرگەن
2021.10.04
بايدېن ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان جىددىي مۇناسىۋەتلىرىگە قارىتا سۈكۈتىنى بۇزۇپ، خىتاينىڭ سابىق پرېزىدېنت ترامپ بىلەن ئىمزالىغان سودا كېلىشىمىدىكى ۋەدىلىرىنى ئورۇندىشى ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشكە تەييارلىق قىلماقتىكەن. بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىستىراتېگىيەسىنى 4-ئۆكتەبىر ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كەتېرىن تاي ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدە نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئىستىراتېگىيەسىنى شەرھىلەشنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارغا ئېيتقان.
«لوس-ئانژىلېس ۋاقتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كەتېرىن تاي نۇتقىدا خىتاينىڭ سودا سىياسىتى ئامېرىكا ئىشچىلىرىغا ۋە سانائىتىگە قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن شۇنداقلا ئۇنىڭ سابىق پرېزىدېنت ترامپ بىلەن ئىمزالىغان خىتاي ئىقتىسادىنى ئىسلاھ قىلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ «ئەگەر خىتاي ئۆزگەرسە بىز قارشى ئالىمىز، بىراق بىز ئۇنىڭ ئئۆزگىرىشىنى كۈتمەيمىز» دېگەن.
بايدېن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بىر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، خىتاينىڭ دۆلەت كارخانىلىرىنى قوللاش، چەتئەل رىقابەتچىلىرىنى ئاجىزلىتىش، بازارغا توسۇق قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادى پائالىيەتلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ بۇ جەھەتتىكى نېگىزلىك ئەندىشىلىرىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمەيدىغانلىق خۇلاسىسىنى چىقارغان.
«لوس-ئانژىلېس ۋاقتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، كەتېرىن تاي، ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا قارىتا قانداق كونكرېت تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، بىراق بايدېن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئىختىلاپىدا سابىق پرېزىدېنت ترامپنىڭ قورالىنى ئىشقا سېلىشى مۇمكىنلىكى، يەنى تاموژنا بېجى قويۇشى مۇمكىنلىكىنىڭ بېشارىتىنى بەرگەن.