ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئۇرۇش قىسىملىرىنىڭ گېنېرالى جون رىچاردسون بىلەن خىتاي دېڭىز ئارمىيە قوماندانى ۋۇ شېڭلى بۈگۈن تېلېكامىرا ئارقىلىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتى جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي ئۆزىگە تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان جايلاردا سەپەر قىلىپ، جىددىيلىك پەيدا بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم سۆھبەتكە ئولتۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى گېنېرال ئارىسىدىكى سۆھبەت سائەتلەرچە داۋام قىلغان. سۆھبەتتىكى مەزمۇنلار ئاخباراتقا تەپسىلىي ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىككى تەرەپ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى ۋە ئىككى دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە بولغانلىقى مەلۇم.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۆھبەتتىن كېيىن ئېلان قىلغان رەسمىي باياناتىدا، سۆھبەتتە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دېڭىز ئارمىيىلىرىنىڭ يېقىن مۇساپىلەردە ھەرىكەت قىلغاندا ئۇقۇشماسلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالاقىدار قائىدىلەرگە ئەمەل قېلىشى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يۇقىرىدىكى ئىككى گېنېرالنىڭ ئۇچرىشىشىدىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا ئەگەر يەنە جەنۇبىي دېڭىزدىكى سۈنئىي ئاراللىرىمىزغا يېقىن جايلاردا ھەرىكەت قىلسا ھەرقانداق كېرەكلىك تەدبىرلەرنى ئېلىپ قارشى تۇرىمىز، دېگەن ئىدى.
