خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ تەقلىدىنى ياساپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇم مەشىقى ئېلىپ بارغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-11-08
Share

خىتاينىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەشىق بازىسى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاۋىئاماتكىلىرى ۋە باشقا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ تەقلىدىنى ياساپ ھۇجۇم مەشىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان تەيۋەن، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىلىرىدىكى ئىختىلاپى ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن بىر پەيتتە، ئاۋىئاماتكىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاۋاتقانلىقنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەقلىدى ئەسلىھەلەر چەرچەن ناھىيەسىنىڭ مەلۇم بىر جايىدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئورۇن خىتاينىڭ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىغا ئىشلىتىلىپ كەلگەنىكەن. رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر مەشىق بازىسىنى ئامېرىكادىكى «بارلىق مەنبەلەر ئانالىزى» ناملىق بىر جۇغراپىيە ئئىستىخبارات شىركىتى سۈنئىي ھەمراھىدىن بايقىغان. سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى بۇ مەشىق بازىسىدا بىر ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىنىڭ تولۇق تەقلىدى، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ «ئارلېي بۇرك» دەرىجىلىك ئاز دېگەندە ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاراخوتىنىڭ تەقلىدىنىڭ ياسالغانلىقى، پاراخوتلارنىڭ تەقلىدى 6 مېتىر كەڭلىكتىكى تۆمۈريول رېلىسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغان.

خىتاي ئامېرىكانىڭ ئاۋىئاماتكا ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا قارشى «شەرق-شامىلى 21» ناملىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى تەرەققىي قىلدۇرغان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي پاراخوتقا قارشى بۇ خىل بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ راست ئوق سىنىقىنى تۇنجى قېتىم 2021-يىلى 7-ئايدا جەنۇبىي دېڭىزدىكى سپراتېل تاقىم ئاراللىرىنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغانىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى 1960-يىللاردىن بېرى ئىزچىل خىتاينىڭ سىناق بازىسى بولۇپ كەلدى. ئۇ ئىلگىرى بۇ رايوننى يادرو سىناق بازىسى قىلغان. 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئۇ ئۆزىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنى سىناق قىلغانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت