دونالد ترامپ ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى تەيىنلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-12-08
Share

ئامېرىكىنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىققان پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئايوۋا شتاتىنىڭ باشلىقى تېرري برانستادنى ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىگەن. مەزكۇر خەۋەر ترامپنىڭ باياناتچىسى جەسون مىللېر تەرىپىدىن چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن رەسمىي يوسۇندا ئېلان قىلىندى.

س ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باياناتچى مىللېر، تېرري برانستاننىڭ خىتاينى ۋە خىتاي خەلقىنى ئىنتايىن ياخشى چۈشىنىدىغان بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دونالد ترامپمۇ يازما باياناتىدا، ئۇنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باشقا خىتاي رەھبەرلەر بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك دوستلۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىگە ئەڭ لايىقلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تېررىي برانستاد ۋە شى جىنپىڭ ئىككىسى 1985- يىلىدا تونۇشقان بولۇپ، ئۇ چاغلاردا ئۆلكە دەرىجىلىك باشلىق بولغان شى جىنپىڭ دۆلەتلەر ئارا ئالماشتۇرۇش پروگراممىسى بىلەن ئايوۋا شتاتىغا كەلگەن ئىكەن.

بىراق، س ن ن تېلېۋىزىيەسى خەۋىرىدە، بۇ ئىككىيلەننىڭ دوستلۇقىنىڭ بۇندىن كېيىن سىنىلىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھازىر رىقابەت پەيدا قىلىۋاتقان جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى دەتالاش، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە ئوخشاش جىددىي مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايان قىلغان. شۇنداقلا دونالد ترامپنىڭ تەيۋەن پرېزىدېنتىنىڭ تەبرىك تېلېفونىنى قوبۇل قىلىشىنىڭمۇ خىتاينى قاتتىق رەنجىتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت