ئامېرىكا ئارمىيەسى خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي ئەشيالارنى توپلىماقتا

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 17-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا غايەت زور مىقداردا ئوق-دورا ۋە پاراخوتقا قارشى قوراللارنى توپلىغان بولۇپ، بۇنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تەدبىرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئېنىق ئىكەن. بولۇپمۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن باھاسى ئانچە قىممەت بولمىغان غايەت زور مىقداردىكى ھەربىي قوراللارنى تەق قىلىپ قويۇشنى ئامېرىكا تەرەپ «قىممەتكە چۈشمەيدىغان قورال توپلاش ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ نۆۋەتتە «تېز چۆكەر» (QUICKSINK) ناملىق پاراخوتقا قارشى ئۇچار بومبىنى سىناق قىلىشنى تېزلەشتۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇ قورال باھاسى ئەرزان بولۇش ۋە يۆتكىلىۋاتقان نىشاننى توغرا قارىغا ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. بومباردىمانچى ئايروپىلانلار ئارقىلىق تاشلىنىدىغان بۇ خىل ئۇچار بومبا دۈشمەن پاراخوتلىرىنى تېز سۈرئەتتە ۋەيران قىلىپ دېڭىزغا چۆكتۈرۈۋېتىشتە ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى يېقىنقى يىللاردىكى سىناقلاردا كۆپ قېتىم ئىسپاتلانغان. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ خىل ھەربىي قوراللارنى ھىندى-تىنچ ئوكيان ئەتراپىغا غايەت زور مىقداردا توپلىشى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 370 تىن كۆپرەك ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئاكتىپلىقىنى چەكلەشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى نۆۋەتتە بۇ خىل ئۇچار بومبىدىن بىرنەچچە مىڭنى توپلاشنى نىشان قىلغان بولۇپ، بومبىنىڭ ئېنىق سانى ھازىرچە ھەربىي مەخپىيەتلىك ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردە بۇ خىلدىكى «قىممەتكە چۈشمەيدىغان قورال توپلاش ھەرىكىتى» نىڭ رولى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئامېرىكا ئارمىيەسى ئۇزۇن مۇساپىلىك پاراخوتقا قارشى راكېتا ئارقىلىق خىتاي ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ۋە رادار سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىدۇ، ئاندىن ئۇرۇش كېمىلىرىنى مۇشۇ خىلدىكى ئەرزان باھالىق تېز چۆكەر بىلەن بومبىلايدۇ» دېيىلگەن. نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى ئۇچار بومبىلارنىڭ كۆپ قىسمى فىلىپپىنغا توپلانغان بولۇپ، بۇ جايدىن جەنۇبىي دېڭىز تەۋەسىدىكى پاراخوتلارغا ئۇچار بومبا تاشلاش بىرقەدەر ئاسان ئىكەن.