ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سوۋۇشقا باشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-07-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە بۇ يىلنىڭ بېشىدا كۆرۈلگەن قىزغىنلىقىنىڭ سوۋۇشقا باشلىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى قارشى يۆلىنىشكە بۇراۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ قاراشلار 30-ئىيۇن ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق خەۋەر قانىلى س ن ن دە ئېلان قىلغان بىر مۇلاھىزىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ماقالىدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى چېكىنىشىنىڭ مىسالى سۈپىتىدە، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى ئادەم ئەتكەسچىلىك مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر دۆلەت قاتارىغا تىزغانلىقى، تەيۋەنگە 1 مىليارد 400 مىليون دوللار قىممىتىدىكى قورال-ياراق سېتىپ بېرىشىنى تەستىقلىغانلىقى ۋە شىمالىي كورېيە بىلەن سودا قىلغان بىر خىتاي بانكىسىغا ئىقتىسادىي چەكلىمە ئېلان قىلغانلىقى قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدە پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بۇ يىل ئۇچراشقاندىن بۇيان دەرىجىدىن تاشقىرى قىزغىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيەنى تىزگىنلەش ئۈچۈن جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى قاتارلىقلاردا خىتايغا قارىتىلغان بېسىمنى يۇمشاتقانلىقى تىلغان ئېلىنغان. ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «ھالبۇكى 21-ئىيۇن ترامپ تۋىتتېردا بىر ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شىمالىي كورېيەنى تىزگىنلەش تىرىشچانلىقىنىڭ كارغا كەلمىگەنلىكىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.»

ماقالىدە نەقىل قىلىشىچە، يۇقىرىقى ئالامەتلەر ھەققىدە توختالغان سېدنىي لاۋي ئىنستىتۇتىدىكى خەلقئارا خەۋپسىزلىك پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى ئېئۇان گراھام مۇنداق دېگەن: «بولۇپمۇ بۇ تۋىتتېر ئۇچۇرى مارئالاگودىكى ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىدىن كېيىنكى شېرىن ئاينىڭ ئاياغلاشقانلىقىنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسى. بۇ يەنە خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى ۋە قىزغىنلىقنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى.»

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يىل 6-ئاپرېل فلورىدا شتاتىدىكى يازلىق تۇرالغۇسى - مارئالاگودا كۈتۈۋالغان. شۇندىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئالاھىدە ياخشى مۇناسىۋەت داۋام قىلغان ئىدى. ھالبۇكى، بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاينى ئادەم ئەتكەسچىلىك مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر دۆلەت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپلا قالماي، پرېزىدېنت ترامپ پەيشەنبە كۈنى  تەيۋەنگە 1 مىليارد 400 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ھەربىي قورال ياراقلارنى سېتىپ بېرىشىنى تەستىقلىغان ئىدى. بۇ قارار تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ قىزغىن قارىشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.

خىتاي تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا ئامېرىكىنى مەزكۇر سودىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئالغان قارارىدا خىتاينىڭ بىر مال ترانسپورت شىركىتى، ئىككى  خىتاي سودىگىرى ۋە دەندوڭ بانكىسىغا ئىقتىسادىي جازا قويغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ستېۋىن منۇچىن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا يۇقىرىدىكى بانكا ۋە شەخسلەرنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يادۇر قوراللىرى پروگراممىسىغا ھەمدەمدە بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى قارارى شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە بېسىم ئىشلىتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت