ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ «قىزىپ» كېتىشى تەخمىن قىلىنماقتا
ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان بارغانسېرى يىرىكلىشىپ مېڭىۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ بۇ يىل ياز كىرىشى بىلەن تېخىمۇ «قىزىپ» كېتىشى نۆۋەتتە بارغانسېرى روشەن بولماقتا ئىكەن.
ئامېرىكا ئوقۇرمەنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان «چەتئەل سىياسىتى» گېزىتىنىڭ 2-مايدىكى ئوبزور ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، روسىيەنىڭ ئۇكرانىئاغا تاجاۋۇز قىلىشىغا ئەگىشىپ «يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى» (G7) بىرىنچى قېتىملىق ئىقتىسادىي ئىمبارگو چارىلىرىنى ئىجرا قىلغان. نۆۋەتتە بۇنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئىجرا قىلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بولۇپ، روسىيەگە قارىتىلغان بۇ خىل جازا ئۇزارغانسېرى بۇ يەتتە دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ ماڭىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئىزچىل تۈردە بۇ خىل ئىقتىسادىي جازانى ئىنكار قىلىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكلىك تېخىمۇ كۈچىيىدىكەن.
يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان تۈرلۈك ئىمبارگو چارىلىرى ئامېرىكا تەمىن ئېتىدىغان يۇقۇرى پەن-تېخنىكىغا ئېغىر دەرىجىدە قاراشلىق بولۇپ قالغان خىتاي ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن. «خۇاۋېي» گۇرۇھىنىڭ قىسمىتى بۇنىڭ بەكمۇ تىپىك مىسالى ھېساپلىنىدىكەن.
تىنچ ئوكيان تەرەپتىن ئالغاندا بولسا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى ئورتاق پىكرى تۈپەيلىدىن ئىككى تەرەپنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى سۈركىلىشى تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن ئىكەن. يېقىندا ئىككى تەرەپنىڭ سولومون تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسىدە ئىپادىلەنگەن مەيدانى بۇنىڭ تىپىك ئىنكاسلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدىكەن.
ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەيلى خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن جازا قوللانسۇن ياكى سىياسىي تەدبىر قوللانسۇن بۇ ساھە يېقىندا بەكلا <قىزىپ> قويىدىغاندەك قىلىدۇ» دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.