ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودا مۇناسىۋىتى بىخەتەرلىك سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن
2018.11.09
ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىك دىپلوماتلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بۈگۈن، جۈمە كۈنى ۋاشىنگتوندا بىخەتەرلىك ۋە سودا مەسىلىسى بويىچە سۆھبەتتە بولىدىكەن.
مەزكۇر ئۇچرىشىشقا ئائىت خەۋەر ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بۈگۈن، يەنى 9-نويابىر ئېلان قىلىنغان. بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشقا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم مەتتىس ۋە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى باشلىقى ياڭ جىيېچى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخېلار قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى بەزى جىددىيچىلىكلەرگە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر سۆھبەت ئەسلىدە ئالدىنقى ئايدا بېيجىڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. ئەمما ئارىلىقتا ئامېرىكا دائىرىلىرى تەيۋەنگە قورال-ياراق سېتىپ بېرىشنى جاكارلىغان ۋە ئامېرىكا-خىتاي پاراخوتلىرى جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا توقۇنۇشۇپ قالغان سەۋەبلىك بۇ ئۇچرىشىش كەينىگە سۈرۈلگەن ئىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگ قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سوغۇقلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىلسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇچرىشىش ۋاقتىنچە ئېلىنغان بىر تەدبىر دەپ قارالماقتا.
خەۋەردە يەنە ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى تېررىي برەنسىتەدنىڭ مۇخبىرغا قىلغان سۆزىمۇ نەقىل ئېلىنغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ خىتاي بىلەن ئېلىپ بارغان ئىجابىي ۋە ئەمەلىي نەتىجىنى ئاساس قىلغان ئۇچرىشىش بولۇشىنى خالايمىز. ئامېرىكىنىڭ خىتايغا توسقۇنلۇق قىلىش مەقسىتى يوق، ئەمما بىز ئادىللىقنى ۋە ئۆز-ئارا مەنپەئەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
تېررىي برەنسىتەدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېلەر جۈمە كۈنىدىكى ئۇچرىشىش جەنۇبىي كورېيە، كىشىلىك ھوقۇق، ئافغانىستان ۋە ئىران مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىشىش بويىچە خىتاي بىلەن سەمىمىي ھەم ئوچۇق پىكىر ئالماشتۇرىدىغان بىر پۇرسەت ئىكەن.