ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ سودا ئۇرۇشىنى «ۋاقىتلىق توختىتىشى» ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سوئال پەيدا قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-12-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 1‏-دېكابىر كۈنى ئارگېنتىنا پايتەختى بوئىنىس ئايرىس شەھىرىدە كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنى 90 كۈن «ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرۇش» نى قارار قىلغان.

ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بۇ 90 كۈن ئىچىدە خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا داۋاملىق باج ئۆستۈرۈشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرۇشقا، خىتاي تەرەپ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ ئىمپورت قىلىشقا، ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئىككى تەرەپ سودىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ئۆزگەرتىشنى سۆزلىشىشكە قوشۇلغان.

خىتاي تەرەپ بىلەن بولغان سۆھبەتتە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەن-كەلمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئەمما ئامېرىكىدا بەزى سىياسەتچىلەر، تاراتقۇلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ سۆھبەتنىڭ پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭنى لاگېرلاردىكى بىر مىليوندەك ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇرلاشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.

پرېزىدېنت ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ ھارپىسىدا «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» باش ماقالە ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئارگېنتىنادا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

باش ماقالىدە، گەرچە تاموژنا بېجى ۋە سودا مۇناسىۋىتى ئۇنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى تۈپ مەسىلە بولسىمۇ، بىراق ترامپ ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئىزچىل ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماش مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

باش ماقالىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېئو ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ يۈز مىڭلىغان، بەلكى مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەرنىڭ لاگېرلارغا قانۇنسىز قامىلىشىنى تەنقىد قىلغانلىقى، بۇ لاگېرلاردا يەنە تەن جازاسى، ئاچلىق ۋە ئۆلۈم ۋەقەلىرى شۇنىڭدەك تۇتقۇنلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادىنى ئەيىبلەپ، كومپارتىيەگە ساداقىتىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلانغانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك مەلۇماتلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلۈپ، «ئەگەر ترامپ ئەپەندى ئارگېنتىنادا شى جىنپىڭ بىلەن قارشىلىشىشنى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشىغا قارشى كۈچلۈك تەدبىر ئېلىشنى رەت قىلسا، دۆلەت مەجلىسى ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك» دېيىلگەن ئىدى.

پرېزىدېنت ترامپنىڭ 2‏-نويابىر ئاشكارىلىشىچە، سۆھبەتتە خىتاي تەرەپ يەنە ئامېرىكا ئاپتوموبىللىرىغا قويۇلغان 40% ئىمپورت بېجىنى بىكار قىلىشقا قوشۇلغان. ئۇ شۇ كۈنى تۋېتىرغا قالدۇرغان سۆزىدە، «خىتاي ئامېرىكا ئاپتوموبىللىرىغا باج قويۇشنى تۆۋەنلىتىشكە ۋە بىكار قىلىشقا ماقۇل بولدى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت