ئامېرىكا خىتاينىڭ ئافرىقادىكى كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-12-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئافرىقادىكى مەنپەئەتىنى قوغداش، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مەزكۇر رايوندىكى سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلدى.

«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون 13‏-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا «مىراس» فوندى جەمئىيىتىدە ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى تونۇشتۇرغان. جون بولتون ئامېرىكىنىڭ ئافرىقا قىتئەسىدىكى ھەربىي، سودا ۋە ياردەم پروگراممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 نۇقتىلىق تۈرىنى داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ يېڭىلىق نۇقتىسى ئۇنىڭدا كونكرېت پىلانلا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، خىتاي بىلەن رۇسىيەگە تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. جون بولتون مىراس فوندى جەمئىيىتىدىكى سۆزىدە خىتاينى 15 قېتىم تىلغا ئالغان. ئۇ «خىتاي پارا بېرىشكە مۈجمەل كېلىشىملەر ۋە قەرز پۇلنى ئىستراتېگىيەلىك مەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتىپ، ئافرىقادىكى دۆلەتلەرنى بېيجىڭنىڭ ئارزۇ-مەقسەتلىرىگە يېتىشى ئۈچۈن قوللانماقتا. ئۇنىڭ سالغان مەبلىغى پارىخورلۇققا تولغان بولۇپ، ئامېرىكا تەرەققىيات پروگراممىلىرىنىڭ مۇھىت ۋە ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە توشمايدۇ» دېگەن.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ خىتاينىڭ زامبىيە ۋە جىبۇتىنى قەرزگە بوغۇپ قويغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى، خىتاينىڭ جىبۇتىدا قۇرغان ھەربىي بازىسى، ئۇنىڭ مەزكۇر ھەربىي بازىسىدىن ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى نىشانغا ئالغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ھەققىدە توختىلىپ، جىبۇتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز پورتىنى خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھازىرغا قەدەر ئافرىقا دۆلەتلىرىگە 142 مىليارد دوللار قەرز بېرىپ بولغان. خىتاينىڭ ئافرىقادىكى ئىقتىسادى پائالىيىتى يېقىندىن بېرى ئافرىقىلىق يەرلىك ئىشچىلار، خەلقئارا مۇھىت قوغداش ئورگانلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاشقا باشلىغان. جون بولتون سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ ئافرىقادىكى مەنپەئەتلىرىگە قارشى ھەرىكەت قىلغان دۆلەتلەرگە ياردەم بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا سەھنىلەردە داۋاملىق ئامېرىكىغا قارشى ئاۋاز بېرىدىغان ياكى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى ئىشلارنى قىلىدىغان دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ ياردەم پىلانىدىن بەھرىمەن بولماسلىقى كېرەك» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت