ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان 3 خىتاي ئوقۇغۇچى باشقا خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا زومىگەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
2016.02.18
ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان 3 نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچى باشقا خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ زومىگەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەي ياۋيۈن، ياڭ يۈخەن، جاڭ شىنلېي قاتارلىق بۇ ئۈچ ئوقۇغۇچى ھەممىسى 19 ياشلاردا بولۇپ، ئۇلار 16 ياشلىق ۋە 18 ياشلىق باشقا ئىككى خىتاي ساۋاقدىشىنى ئايرىم - ئايرىم ئورۇن ۋە كۈنلەردە «ئۆزىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقى»، «تاماق پۇلىنى تۆلەپ بەرمىگەنلىكى» ۋە «ياخشى كۆرىدىغان يىگىتىنى تالاشقانلىقى» ئۈچۈن مەجبۇرىي تۇتۇپ ئاپىرىپ ئۇرغان، ئۆزىنىڭ چېچىنى ئۆزىگە يېگۈزۈپ، بەدىنىنى تاماكا بىلەن كۆيدۈرگەن.
ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى سوت چارشەنبە كۈنى بۇ ئۈچەيلەن ئۈستىدىن سوت ئېچىپ ئۇلارنى «ئادەم قاچۇرۇش ۋە قىيناش» جىنايىتى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 13 يىللىق، 10 ۋە 6 يىللىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى خىتايدىكى پۇلدار ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئۈچ نەپەر جىنايەتچى بولسا، سوتتىكى ئىقرارنامىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ ئامېرىكىغا كېلىپ، باشقۇرىدىغان ئادەم يوق، ھەددىدىن زىيادە ئەركىن بولۇپ كەتكەنلىكىنى شۇنداقلا يالغۇزلۇقتىن پسىخىكىسى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بىراق، مەزكۇر خەۋەر خىتايدىكى ئىجتىمائىي تور بەتلەردە باشقىچە ئىنكاس قوزغىدى. خىتايدىكى «ۋېيبو» تورىدا بۇ ھەقتە قوزغالغان مۇنازىرىلەردە بىر قىسىم تورداشلار ئامېرىكىنىڭ ئادالەت سىستېمىسىغا رەھمەت ئېيتقان. ئۇلار مۇنازىرىلىرىدە، ئەگەر بۇ بالىلار ئامېرىكىدا قىلغىنىنى خىتايدا قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ پۇلدار ئاتا - ئانىلىرىنىڭ دەرھال بالىلىرىنى پۇلى ۋە كۈچى بىلەنلا قۇتۇلدۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ھەم شۇنداق بولۇپ كەلگەنلىكىنى يېزىپ، خىتاي بىلەن ئامېرىكىدا قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىدىكى پەرقنى سېلىشتۇرغان.









