دائىرىلەر ئامېرىكا پولات شىركىتى خىتاي ئۈستىدىن سۇنغان ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى شىكايىتىگە قاراپ چىقماقچى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.05.29


ئامېرىكا خەلقئارالىق سودا كومىتېتى ئامېرىكا پولات شىركىتى خىتاي پولات شىركەتلىرى ئۈستىدىن سۇنغان ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى شىكايىتىگە قاراپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئامېرىكا پولات گۇرۇھى» ناملىق پولات شىركىتى ئامېرىكىنىڭ پىتتسبۇرگ شەھىرىگە جايلاشقان ئەڭ چوڭ پولات ئىشلەپ چىقارغۇچى شىركەت.

ئۇلار بۇ يىل 26 - ئاپرېل ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئىلتىجا قىلىپ، خىتاي پولات شىركىتىنىڭ 2010 - يىلىدىكى تور ھۇجۇمىدا ئۆز شىركىتى يىللاپ تەتقىق قىلىپ چىققان تېخنىكا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا خىتاي پولات شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا پولات سېتىشىنى تامامەن چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

پولات گۇرۇھىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توربۇزارلار ئۇلارنىڭ كومپيۇتېرىدىن 10 يىللاپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەتقىق ئېرىشىلگەن يېنىك پولات ئىشلەش تېخنىكىسىنى ئوغرىلاپ كەتكەن. يېنىك پولات مەھسۇلاتلىرى ماشىنىسازلىق شىركەتلىرى ئەڭ خالايدىغان مەھسۇلات بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ باۋگاڭ گۇرۇھى بۇ تېخنىكى ئىشلىتىپ بازارغا سالغان مەھسۇلاتلار ئامېرىكا شىركەتلىرىگە زىيان سېلىشقا باشلىغان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا خەلقئارالىق سودا كومىتېتى نۆۋەتتە مەزكۇر ئەرز مەسىلىسىدە بىر قارار چىقارمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىدا پولات سېتىۋاتقان 40 خىتاي شىركىتىنى جاۋابكارلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى قەيت قىلغان.

ھالبۇكى، ئامېرىكىنىڭ تەكشۈرۈش قارارى خىتاي پولات ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.

رويتېرسنىڭ نەقىل قىلىشىچە، مائەنشەن پولات شىركىتىدىكى بىر نام - شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان خادىم:«ئامېرىكا پولات سانائىتى ئۇتتۇرۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن تۇرسا، ئۇلاردا ئوغرىلىغۇدەك نېمە بار» دېگەن.

خىتايدىكى ئىككىنچى چوڭ پولا ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى - باۋگاڭ ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتلىرىنىڭ پرىنسىپلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، ئامېرىكا خەلقئارالىق سودا كومىتېتنىڭ تەكشۈرۈش قارارى ئامېرىكا پولات گۇرۇھىنىڭ قارىشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

گۇرۇھنىڭ رەئىسى مارىيو لوڭگى ئۆزلىرىنىڭ قولىدا خىتاي پولات ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ تىل بىرىكتۈرۈش، ئوغرىلىق ۋە ساختىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك دەلىل پارلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ پىتتسبۇگ شەھىرىگە جايلاشقان مەزكۇر شىركەت ئىككى يىل ئاۋۋال خىتاي تور بۇزارلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەينى يىلى 5 نەپەر خىتاي ھەربىي ئوفىتسېرىنى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە سودا مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان شىركەتلەر ئارىسىدا ئامېرىكا پولات گۇرۇھىمۇ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان سوغۇق پروكاتلانغان پولات يۆگەملىرىگە قويۇلىدىغان جازا بېجىنى 500 پىرسەنت ئۆستۈرۈش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.