خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا «يول قويىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-04-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى «سودا ئۇرۇشى» غا مۇناسىۋەتلىك ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، 10-ئاپرېل كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللاردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ھەمدە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 10-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ شۇ كۈنى بىر قېتىملىق سودا كۆرگەزمىسىدە بانكا ساھەسى ھەمدە ئىمپورت مىقدارىنى زور كۆلەمدە ئاشۇرۇش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. گەرچە بۇ ساھەلەر دەل ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ساھەلەر بولسىمۇ، شى جىنپىڭ سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ نامىنى بىۋاسىتە ئاتىمىغان. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۆزىدە «خىتاي ئاللىقاچان ئىشىكنى ئېچىۋەتكەن. بۇ ئىشىك بۇندىن كېيىن پەقەت تېخىمۇ زور ئېچىلغۇسى» دېگەن.

ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىمپورت قىلىنغان ماشىنىلارغا قويۇلىدىغان تاموژنا بېجىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ھەمدە بۇ ساھەدىكى چەتئەللىك كارخانىچىلارغا «پات يېقىندا» زور ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇ ۋەدىلەر ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىدە كۆرۈلۈۋاتقان جىددىيلىكنى پەسەيتىشتە زور ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە» دېيىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىدە باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن سودا ئۇرۇشى قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن ھەمدە «خىتاي شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنى قوغداشقىمۇ مەجبۇر» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت