ئامېرىكا سودا ۋەكىلى: «پىلانىمىز خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىستېمىسىغا چېقىلىش ئەمەس، بەلكى بازىرىنى ئېچىش»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-05-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا-خىتاي سودا تالاش-تارتىشىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار ئالىي رەھبەرلىرى بېيجىڭدا ئىككى كۈنلۈك سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.

سۆھبەتكە ئامېرىكا تەرەپتىن پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ سودا ئىشلىرى ۋەكىلى روبېرت لىتىزەر، مالىيە مىنىستىرى ستېۋىن مۇنچىن، ئاقساراينىڭ سودا مەسلىھەتچىسى پېتېر ناۋاررولار ئىشتىراك قىلىدىكەن. خىتاي تەرەپتىن بولسا شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې قاتنىشىدىكەن.

لىتىزەر تۈنۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «پىلانىمىز خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش ئەمەس، پەقەت بازىرىنى دۇنياغا ئېچىش» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۈگۈنكى باياناتىدا خىتاينىڭ ئۆز دەرۋازىسىنى باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى دەپ ئېچىپ بەرمەيدىغانلىقىنى، مەجبۇرلاشقا ئېچىپ بېرىشىنىڭمۇ ئۆتمۈشكە ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما ئۇ يەنە ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭ بۇ نۆۋەت ياخشى بىر نىيەت بىلەن كەلگەنلىكى، مەسىلە دەرھال ھەل بولۇپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ، بۇ سۆھبەتنىڭ مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىدا ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئىككى تەرەپ سودا جېدىلىدە شى جىنپىڭ ئارقىسىغا چېكىنگەندىن كېيىن، دونالد ترامپ خىتاينىڭ ئامېرىكا ماشىنىلىرىغا بازىرىنى ئاچىدىغانلىقتەك بىر قاتار ۋەدىلىرىگە ئىجابىي باھا بەرگەن. ئەمما بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ يالغان ۋەدىلەر بىلەن قارشى تەرەپنى ئالدايدىغانلىقىنى ۋە ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ مەزكۇر سۆھبىتى پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى داۋام قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت