ئامېرىكا يەنە 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتىغا باج قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-07-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى قىزىشقا باشلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يەنە 200 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتىغا تاموژنا بېجى قويۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ قىممىتى 200 مىليارد دوللارلىق 6031 خىل مەھسۇلاتىغا 10% باج قويۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا ئۆتكەن جۈمە كۈنى 34 مىليارد دوللارلىق خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتىغا 25% باج قويۇشقا باشلىغان ئىدى.

پرېزىدېنتى ترامپ بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال ئەگەر خىتاي ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللانسا، 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتىغا، ئارقىدىن يەنە 300 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتىغا باج قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتىغا باج قويۇش پىلانىنى ئامېرىكا جامائىتىنىڭ پىكىر بىلدۈرۈشىگە سۇنغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، 31-ئاۋغۇست كۈنى مەزكۇر پىلاننى ئىجرا قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىشتىن بۇرۇن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىنى چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر پىلان خىتاينىڭ 34 مىليارد دوللارلىق ئامېرىكا تاموژنا بېجىغا قايتۇرغان ئىنكاسىغا قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ 34 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللىنىپ، ئامېرىكىنىڭ قىممىتى ئوخشاش مىقداردىكى ئېكسپورت مەھسۇلاتىغا باج قويغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت