ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى خىتايدا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.07.16

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىنكاسى 16-ئىيۇل كۈنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنۇش بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاموژنا بېجى تەھدىتىگە تاقابىل تۇرماقچى بولغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 16-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى بىر ياقلىق قىلىشتا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قولىدىن ھېچنەرسە كەلمىگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن ئىدى. شۇڭا بۇ قېتىم ئۇلار بۇ ھەقتە سوئال سورالغاندا «خىتاينىڭ بۇ ئۇسۇلدا ئىش كۆرۈشى بىزنىڭ ئۇنچە پەرۋايىمىزغا كەلمەيدۇ» دېگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىسمى 15-ئىيۇل كۈنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت بولغان «خەلق گېزىتى» نىڭ 1-بېتىدە چورتلا ئىشلىتىلمىگەن. شى جىنپىڭ دېگەن ئىسىم ئادەتتە مەزكۇر گېزىتنىڭ باش بېتىدە ھەر كۈنى تەكرار كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇپ، شى جىنپىڭ دېگەن ئىسىمنىڭ ئۇچرىماسلىقى مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئىچىدە ئىككى قېتىم كۆرۈلگەن.

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇ ھالنى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، دەپ قارىماقتا ئىكەن. چۈنكى شەخسكە چوقۇنۇشنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا ئەينى ۋاقىتتا ماۋ زېدوڭ قوللانغان ئۇسۇلنى ئىجرا قىلىۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ ئىسمى ھەر كۈنى كومپارتىيە كونتروللۇقىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ باش بېتىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن ئىكەن.

مەزكۇر ئانالىز ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى دۇنيا ئاخباراتىدا ئەڭ قىزىق تېمىلاردىن بولۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا ئېغزىدىن چۈشۈرمەي كەلگەن «ھەرقانداق بەدەل تۆلەش تۆلەشتىن قەتئىينەزەر» دەيدىغان سۆزلىرىمۇ ھازىر پۈتۈنلەي غايىب بولغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قايتىدىن خىتاي ماللىرىغا يەنە 10 پىرسەنتلىك تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن مۇخبىرلار «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە قانداق قىلماقچى؟» دەپ سورىغاندا خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ باياناتچىسى بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.