ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى خىتاينى قېيىن ئەھۋالغا قويماقتىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-07-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ترامپ ھۆكۈمىتى خىتايغا قويغان 30 مىليارد دوللارلىق چېگرا بېجى ئۆتكەن 6‏-ئىيۇل كۈنى ئىشقا كىرىشكەندىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادىدا بەلگىلىك سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلغانلىقى مەلۇم.

بۇ ھەقتە SNBC تېلېۋىزىيەسىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن قارىغاندا، ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ خىتاي ماللىرىغا قويغان ھازىرقى بېجى گەرچە خىتاي ئېكسپورتىغا بەك ئېغىر زەربە بېرەلمىسىمۇ، ئەمما بۇ سودا ئۇرۇشى دەل خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئىقتىسادىنى ئوڭلاشقا تىرىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن بولغاچقا بۇ جازا تەدبىرلىرىنىڭ تەسىرى ئويلىغاندىن كۆپ كۈچلۈك بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بانكىلىرىنىڭ قەرزى 2016‏-يىلى 12.65 تىرىليون يۈەڭە ئۇلاشقان بولۇپ، قەرز سوممىسىنىڭ بۇنداق ئۈسۈپ كېتىشى بازار مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ بىر ئىقتىسادىي كرىزىسقا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخى ئەمدى ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىكەن. شۇڭا بۇنداق بىر ۋاقىتتا باشلانغان بىر سودا ئۇرۇشىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا ۋاسىتىلىك ھالدا «بىر تۇتاش زەربە بېرىش» خاراكتېرلىك تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئالدىنقى كۈنى، ئامېرىكىدىكى «بلۇمبېرگ گېزىتى» مۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا جازا تەدبىرى قوللانغاندىن بېرى، خىتاي يۈەنىنىڭ قىممىتىنىڭ 2015-يىلىدىكى خىتاي پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا كۆرۈلگەن كرىزىستىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بلۇمبېرگنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ماللىرىغا قويۇلغان جازا تەدبىرى ئاللىقاچان ئاستىلاپ قالغان خىتاي ئىقتىسادىغا بېرىلگەن ئىككىنچى زەربە بولغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت