پرېزىدېنت ترامپ 500 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتىغا باج قويۇشقا تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-07-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۈمە كۈنى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ 500 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتىغا تاموژنا بېجى قويۇشقا تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلغان پۈتۈن مەھسۇلاتلىرىغا باج قويۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. خىتاينىڭ 2017‏-يىلى ئامېرىكىغا چىقارغان ئومۇمىي ئېكسپورت مەھسۇلاتى 505 مىليارد دوللارغا يېتىپ بارغان. ئامېرىكىنىڭ قىزىل رەقىمى 374 مىليارد دوللارغا يەتكەن ئىدى.

پرېزىدېنت ترامپ جۈمە كۈنى ئامېرىكا CNBC تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي بىلەن بولغان سودا قىزىل رەقىمى ھەققىدە توختىلىپ، «بىز ناھايىتى زور مىقداردا باج قويىمىز.

مەن 500 مىليارد دوللارغا تەييارلىق قىلىپ قويدۇم» دېگەن. ئامېرىكا 6‏-ئىيۇل خىتاينىڭ 34 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتىغا تاموژنا بېجى قويۇشنى باشلىغان. پرېزىدېنت ترامپ 5‏-ئىيۇل قىلغان سۆزىدە، ئەگەر خىتاي ئۆچ قىلىش تەدبىرى قوللانسا تاموژنا بېجىنى 500 مىليارد دوللارغا چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پرېزىدېنت ترامپ CNBC مۇخبىرىنىڭ ئەگەر بۇنچىلىك كۆپ مالغا باج قويسا ئامېرىكا پاي چەك بازىرى چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى سوئالىغا: «ئەگەر چۈشۈپ كەتسەك چۈشۈپ كەتسۇن. مەن بۇنى سىياسەت ئۈچۈن قىلمايۋاتىمەن» دېگەن.

پرېزىدېنت ترامپ خىتاينىڭ سودىدا ئادالەتسىز رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنى تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ ئامېرىكىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلدى.

ئامېرىكا خىتاي بىلەن ھازىرغا قەدەر 3 قېتىم سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن.

ئاق ساراينىڭ ئىقتىسادى مەسلىھەتچىسى لارىي كۇدلوف تۈنۈگۈن ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت