سودا ئۇرۇشى خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنى ئالاقزادە قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-08-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقاندا بۇ «ئىس-تۈتەكسىز ئۇرۇش» نىڭ خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنى «پۇتى كۆيگەن توخۇدەك» قىلىپ قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

«ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 14-ئاۋغۇست سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باش ماقالىدا ئەنە شۇ ئەھۋال نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي رەھبەرلىك گۇرۇھى سودا ئۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇش تۈرلۈك چارىلەرنى ئىزدەش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك ئەندىشىلىرىنى يوشۇرۇشقا ئىلاجسىز قالماقتا ئىكەن.

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، يېقىنقى بىرنەچچە كۈن مابەينىدە خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ۋە باشقا مىنىستىرلىقلارغا قاراشلىق تەشكىلاتلار چەتئەلگە مال چىقارغۇچى ئورۇنلاردىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قىسقارتىش ياكى باشقا مەملىكەتلەرگە مال ئېكسپورت قىلىش يوللىرىنى تېپىشنى بۇيرۇغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى ئاللىقاچان توققۇز پىرسەنت چۈشۈپ بولغان بولسىمۇ بۇ ھادىسە ھەققىدە پىكىر قىلغان بارلىق يازمىلار تورلاردىن تېزلىكتە تازىلانغان. شۇنداقلا ھەرقانداق تور بېتىدە «سودا ئۇرۇشى» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش چەكلەنگەن.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى سودا ئۇرۇشىغا باش ئەگمەيدىغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سېلىۋاتقان ھەمدە دىكتاتورىلىق يولى ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى پىكىرلەرنى بېسىپ قويۇشقا قادىر بولۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتايدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ھېچكىممۇ ھۆددە قىلالمايدىكەن. يەنە كېلىپ نۆۋەتتە شى جىنپىڭنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئېرەڭشىمەيۋاتقانلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى بولسا خىتاينىڭ ئالىي ھاكىمىيەت گۇرۇھىنى پاي پېتەك قىلىۋاتقان ئىشلار ئىكەن.

بېيجىڭدىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شۈ جاڭرۇن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «نۆۋەتتىكى سودا ئۇرۇشى ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى ھاكىمىيەت سىستېمىسىنىڭ تېگى بوش ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ. ئەمدىلىكتە بولسا بۇ سىستېما جەمئىيەتتە تېخىمۇ زور ئەنسىزلىك پەيدا قىلماقتا» دېگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 14-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بولسا نۆۋەتتىكى سودا ئۇرۇشىدا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ كۆپلىگەن ئاجىزلىقلىرىنىڭ ئاشكارا بولۇۋاتقانلىقى ئېيتىلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت