خىتاي ئامېرىكىغا سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆمەك ئەۋەتىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-08-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئامېرىكىغا سودا ئىختىلاپى ئۈستىدە سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۆمەك ئەۋەتىدىكەن. «ۋال-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن خىتاي تەرەپ ئامېرىكىغا ۋەكىل ئەۋەتىپ سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى بولغان. ئىككى تەرەپ سودا ۋەكىللىرىنىڭ ئۇچرىشىشى مۇشۇ ئاينىڭ 22-23 كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئاقساراي باياناتچىسى 16-ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئىشىكى ئوچۇقلۇقىنى بىلدۈرگەن ۋە «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنى ۋە بىزگە كونكرېت تەكلىپلەر بىلەن كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،» دېگەن.

«ۋال-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سودا مۇتەخەسسىسلىرى بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن كونكرېت بىر نەتىجە چىقىدۇ دەپ قارىمايدىكەن. چۈنكى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تۈزەش، خىتاي يۈەنىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى كونترول قىلىشىنى ئاياغلاشتۇرۇش نىيىتى چىڭ بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق نۇقتىغا كېلىشى ئاسانغا توختىمايدىكەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ يېقىندا خىتايغا قارىتىلغان تاموژنا بېجىنى ئەسلىدىكى 10 پىرسەنتتىن 25 پىرسەنتكە ئۆستۈرۈش مۇمكىنچىلىكىدىن سۆز ئاچقاندىن كېيىن، خىتاي بۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولغان ئىدى. «ۋال-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى خىتاينىڭ پاي چېكى بازىرىغا ئېغىر زەربە بەرگەن.

ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناسلار: «خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئەمەلىيەتتە كىشىلەر ئويلىغاندەك ئۇنداق كۈچلۈك ئەمەس، بۇ قېتىملىق سودا ئۇرۇشىدا بىر قىسىم ئامېرىكا دېھقانلىرى ئازراق زىيانغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ترامپ ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان ئۇلارنى يۆلەيدىغان پىلانلارنى تەييارلاپ بولدى. ئەگەر بۇ قېتىملىق سۆھبەتكە خىتاي تەرەپ بىر كونكرېت پىلان بىلەن كەلمەيدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ خىتاي ئۈچۈن ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت