ۋول سترېت ژۇرنىلى: ئامېرىكا خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-08-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا بىلەن خىتاي چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئىككى كۈنلۈك سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئۆتكەن قېتىملىق سودا سۆھبىتى مەغلۇپ بولغان 6-ئايدىن بېرى تۇنجى قېتىم قايتا سۆھبەتكە ئولتۇرۇشىدۇر.

«ۋول سترېت ژۇرنال گېزىتى» نىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، گەرچە ئىككى تەرەپ قايتا سۆھبەت ئۆتكۈزسىمۇ، لېكىن ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويۇش پىلانىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىكەن. ترامپ ھۆكۈمىتى ئىلگىرى 2‏-تۈركۈمدە 16 مىليارد دوللارلىق خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتىغا تاموژنا بېجى قويغان. رويتېرسنىڭ سەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى 16 ‏مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى پىلانى پەيشەنبە كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىكەن.

«ۋول سترېت ژۇرنال گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، چارشەنبە كۈنى باشلىنىدىغان ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى ترامپ ھۆكۈمىتى 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتىغا باج قويۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە باشلانغان.

خەۋەردە، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار زاتلارنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتاي تەرەپ سودا ئىختىلاپىنى ھەل قىلىشنىڭ كونكرېت بىر لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغىچە پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىندا ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست لارىي دايموندنىڭ «ۋول سترېت ژۇرنال گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر ئانالىزىدا، گەرچە ئامېرىكىدىكى لىبېراللار پرېزىدېنت ترامپنىڭ سودا سىياسىتىنى تەنقىد قىلسىمۇ، لېكىن ھىندىستان، تەيۋەن، خوڭكوڭ، فىلىپپىن، ياپونىيە، ھىندونېزىيە، ۋىيېتنامدەك دۆلەتلەردىكى پۇقرالارنىڭ ترامپنى قوللايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ «ئاخىرى، خىتايغا تاقابىل تۇرالايدىغان بىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى چىقتى» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پرېزىدېنت چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولۇشىدىن ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئىختىلاپىنى ھەل قىلىدىغان بىر «قەرەللىك ۋاقىت جەدۋىلى» يوقلىغىنى بىلدۈرگەن. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سەيشەنبە كۈنى سودا سۆھبىتىنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي تەرەپنىڭ سۆھبەتتىن بۇرۇن ھەر خىل ئىنكاسلاردا بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت