ئامېرىكا يەنە بىر تۈركۈم خىتاي ماللىرىغا تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.08.23

ئامېرىكا -خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى داۋاملىق كەسكىنلەشمەكتە. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 23-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان يەنە بىر قىسىم ماللارغا 25 پىرسەنتلىك تاموژنا بېجى ئېلان قىلغان.

بۇنىڭ بىلەن خىتاي تەرەپمۇ ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان يېڭى بىر تۈركۈم ماللارغا ئوخشاشلا تاموژنا بېجى ئېلان قىلغان. ئىككى تەرەپنىڭ پەيشەنبە كۈنى تاموژنا بېجى قويغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 16 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

يۇقىرىقى بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئامېرىكا -خىتاي ئىككى تەرەپ سودا ۋەكىللىرىنىڭ بۈگۈن ۋاشىنگتوندا سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان كۈنىگە توغرا كېلىشى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ يېڭى جازا تەدبىرلىرىنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكىنى «جاھىللىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە خىتاينىڭ تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ ئامېرىكا -خىتاي ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان سودا ئۇرۇشىدا تاموژنا بېجى ئۆستۈرۈلگەن ماللارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ يېقىندا قىلغان سۆزىدە بۇ رەقەمنىڭ 500 مىليارد دوللارغا يېتىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىچىدە خىتاي بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىنى بەك كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشكە قارشى تۇرىدىغانلار بار بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئىقتىسادىدىكى ئاستىلاش ۋە پاي چېكى بازىرىدىكى تۆۋەنلەشنى تۇتقا قىلىپ، «سودا ئۇرۇشىدا ئامېرىكا يېڭىپ چىقىدۇ،» دېگەننى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.

يېقىندا ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روس بىر تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، «ئەلۋەتتە، خىتاي ئاسانلىقچە بولدى قىلمايدۇ. ئۇلارمۇ ئانچە -مۇنچە ئۆچ ئېلىپ باقىدۇ. بىراق بىزنىڭ قولىمىزدىكى كوزىر ئۇلاردىن كۆپ. بۇ ئۇلارغا ئايان. بىزنىڭ ئىقتىسادىمىزمۇ ئۇلاردىن كۆپ كۈچلۈك. بۇنىسىمۇ ئۇلارغا ئايان،» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.