ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-08-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى كۈنلۈك سودا سۆھبىتى پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان. لېكىن سۆھبەت ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن.

پرېزىدېنت ترامپ سۆھبەت ھارپىسىدا ئۇچرىشىشنىڭ نەتىجىلىك ئاخىرلىشىشىغا ئۈمىد باغلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ سۆھبەت ئامېرىكا -خىتاي سودا ئۇرۇشى داۋاملىق كەسكىنلىشىپ، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويۇشنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى، يەنى سۆھبەتنىڭ 2‏-كۈنى خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا 16 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويۇشنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. شۇ كۈنى خىتايمۇ ئوخشاشلا ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا 16 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويۇشنى باشلىغان ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقساراينىڭ باياناتچىسى لىنزېي ۋالتېرس سۆھبەتتە تەرەپلەرنىڭ «ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەردە ئادىل ۋە تەڭپۇڭ تىجارەتنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش مەسىلىسىدە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرغان» لىقىنى بىلدۈرگەن.

ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاش ۋە ئوغرىلاش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئامېرىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. ئۇ ئۆتكەن ئايدا يەنە خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا 34 مىليارد دوللار باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي تەرەپ ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش مىقداردا باج قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا 200 مىليارد دوللارلىق باج قويۇشقا تەييارلىق قىلماقتىكەن. خىتاي تەرەپ ئەگەر ئامېرىكا 200 مىليارد دوللار باج قويسا، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا 60 مىليارد دوللارلىق باج قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەت ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشمىگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي تەرەپ سۆھبەتنىڭ «ئىجابىي ۋە دوستانە» ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئىككى تەرەپنىڭ بۇ يىل 6‏-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخىرقى قېتىملىق سودا سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت