ئاق ساراينىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى پېتىر ناۋاررو خىتاينى «دۇنيا ئىقتىسادىغا چۈشكەن پارازىت»، دېدى

ئامېرىكا دۆلەتلىك سودا كېڭىشىنىڭ باشلىقى، ئاق ساراينىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى پېتىر ناۋاررو خىتاينى «دۇنيا ئىقتىسادىغا چۈشكەن بىر پارازىت» دەپ تەسۋىرلىگەن.

ئامېرىكا دۆلەتلىك سودا كېڭىشىنىڭ باشلىقى، ئاق ساراينىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى پېتىر ناۋاررو خىتاينى «دۇنيا ئىقتىسادىغا چۈشكەن بىر پارازىت» دەپ تەسۋىرلىگەن.

ئۇ بۇ سۆزنى 7-سېنتەبىر جۈمە كۈنى فوكس تېلېۋىزىيەسىنىڭ پروگراممىسىغا قاتناشقاندا قىلغان بولۇپ، پېتىر ناۋاررو سۆزىدە: «خىتاي قۇرۇلما جەھەتتىن دۇنيادىكى بىر پارازىت بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە، چۈنكى خىتاينىڭ ئۆز ئىقتىسادىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن باسقان ھەربىر قەدىمى باشقىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىۋاتىدۇ» دېگەن.

پېتىر ناۋاررو يەنە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تېخنىكا ئوغرىلىقى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «خىتاي ئەقلىي مۈلك ئوغرىلىقى بەدىلىگە كەلگەن ئىقتىساد مودېلىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ۋاز كەچمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي قىسمى شۇنىڭدىن كەلگەن تۇرسا» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەنە 267 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا باج قويۇشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، پېتىر ناۋاررو سۆزىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئامېرىكىلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاينى سودا جەھەتتە جازالاشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمىز ئەلۋەتتە خىتاي بىلەن ئادىل مۇناسىۋەت قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق ئۇ ھازىرچە ئەمەلگە ئاشىدىغاندەك ئەمەس» دېگەن.

پېتىر ناۋاررو ئەسلىدە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تونۇلغان ئىقتىسادشۇناس ۋە سەرمايە مۇتەخەسسىسى بولۇپ، ئۇ ترامپنىڭ سايلام پائالىيەتلىرى مەزگىلىدىكى مەسلىھەتچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ، 2011-يىلى ئېلان قىلىنغان «خىتاي سەۋەب بولغان ئۆلۈم» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى بولۇپ، ئۇنىڭ زور تەسىر قوزغىغان بۇ كىتابى 2012-يىلىغا كەلگەندە ھۆججەتلىك فىلىم قىلىپمۇ ئىشلەنگەن.