ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن كېيىنمۇ ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-11-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدا دېموكراتچىلارنىڭ ئاۋام پالاتادا ئۈستۈنلۈكنى قازىنىشى بىلەن ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ يۆنىلىشى ھەققىدە تۈرلۈك تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما س ن ن نىڭ 7-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سايلام نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پرېزىدېنت دونالد ترامپ باشلىغان خىتايغا قارشى سودا ئۇرۇشىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىدىغانلىقى كەسكىن ئالغا سۈرۈلمەكتە.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا بىر قىسىم كىشىلەر بۇنىڭدىن كېيىن دېموكراتچىلار يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئاۋام پالاتانىڭ خىتايغا قارىتىلغان قارارلاردا، جۈملىدىن سودا ئۇرۇشى مەسىلىسىدە يۇمشاقراق پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋار بولماقتىكەن. ئەمما ئەنگلىيەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولغان «ئىقتىسادشۇناسلار ئىستىخبارات بىرلىكى» نىڭ ئانالىزچىسى نىك ماررو بۇ ھەقتە توختىلىپ، «بۇنىڭ ئېھتىماللىقى يوقنىڭ ئورنىدا» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋام پالاتا شۇنداق قىلىشنى خالىغان ھالەتتىمۇ خىتايغا تاموژنا بېجى قويۇش ھوقۇقى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولغان دونالد ترامپنىڭ قولىدا بولغاچقا دېموكراتچىلار بۇ جەھەتتە يەنىلا چوڭ ئىش قىلالمايدىكەن. شۇنداق بولغانلىقتىن بۇنى شى جىنپىڭ ئۈچۈن بىر تۈرلۈك شۇم خەۋەر دېيىشكىمۇ بولىدىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى جەريانىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامغا قول تىقماقچى بولغان» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلغان ھەمدە تەيۋەن مەسىلىسى، جەنۇبىي دېڭىزىدىكى زېمىن داۋاسى قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئوبدانلا جىددىيلىشىپ قالغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت