ئامېرىكانىڭ 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي ماللىرىغا چېگرا بېجى قويماقچى بولغانلىقى خىتاينى ئەندىشىگە سالماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-08-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا خىتاي ماللىرىغا قاراتقان چېگرا بېجىنى ئۆستۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى بەس-بەس بىلەن سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنى «ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا» چاقىرغان.

1-ئاۋغۇست كۈنى ترامپ ھۆكۈمىتى خىتايغا قويۇلىدىغان 200 مىلياردلىق دوللارلىق سودا بېجىنى ئەسلىدىكى 10 پىرسەنتتىن 25 پىرسەنتكە چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئامېرىكا سودا ۋەكىلى روبېرت لېتھىزېر شۇ كۈنىدىكى باياناتىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئۆزلىرىدىن خىتايغا قويۇلىدىغان باجنى ئۆستۈرۈشنى ئويلىشىپ كۆرۈشنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە «بىز خىتايغا بەزى ھەرىكەتلىرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى ئىنتايىن ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئەپسۇسكى، خىتاي ئۆزىنىڭ زىيانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئورنىغا قانۇنسىز ھالدا ئامېرىكالىق ئەمگەكچىلەر، دېھقانلار، يېزا-ئىگىلىك خوجايىنلىرى ۋە ئامېرىكا شېركەتلەردىن ئۆچ ئالماقتا،» دېگەن. 

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، سودا بېجىنى ئۆستۈرگەن تەقدىردە مال باھاسى ئۆرلەپ، ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىغا زىيان بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ سۆزىدە «بىز ئامېرىكىنى سوغۇققان بولۇپ، ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلار ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشقا چاقىرىمىز،» دېگەن. 

خىتاينىڭ سودا مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئۇرۇشىنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەرگە زىيان بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنى بۇ يولدىن قايتىشقا دەۋەت قىلغان. 

ھالبۇكى، سېناتور ماركو رۇبىيو ۋە ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبور رۇس قاتارلىقلار ترامپنىڭ چېگرا بېجىنى ئۆستۈرمەكچى بولۇشىنى قوللاپ، شۇنداق قىلمىغاندا خىتاينىڭ تىجارەت ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت