ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى كەسكىنلەشتى، خىتاي تاراتقۇلىرى پرېزىدېنت ترامپنى تىللاشقا باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-08-06
Share

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتى 6-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ سودا سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ قاتتىق ئالاقزادە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى پرېزىدېنت ترامپنىڭ سودا سىياسىتىگە قاتتىق نارازى بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنى دونالد ترامپقا ئوچۇق-ئاشكارا ھۇجۇم قىلىشتىن توسۇپ كەلگەن ئىدى. ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ تاكتىكىسى دۈشەنبە، يەنى 6-ئاۋغۇست كۈنىدىن باشلاپ ئۆزگىرىشكە باشلىغان.

خىتاي «خەلق گېزىتى» نىڭ خەلقئارا باسمىسى 6-ئاۋغۇست كۈنى ئوبزور ئېلان قىلىپ، ھۇجۇم نىشانىنى پرېزىدېنت ترامپقا قاراتقان. «خەلق گېزىتى» دىكى ئوبزوردا پرېزىدېنت ترامپ «كوچا لۈكچەكلىرى» گە ئوخشاش ھەرىكەت قىلىش بىلەن ئەيىپلىنىپ، ئۇنىڭ خەلقئارا سودىنى بىر تەرەپنىڭ پايدىسىغىلا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى تەنقىد قىلىنغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، «خەلق گېزىتى» نىڭ ئوبزورى پرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئاۋۋال تۋىتتېردا يازغان سۆزىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان. پرېزىدېنت ترامپ تۋىتتېردا يازغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ «پەرەز قىلغاندىنمۇ ياخشى ئۈنۈم بەرگەنلىكى» نى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ئۇچۇرىدا يەنە بېيجىڭنىڭ ئامېرىكا بىلەن سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ترامپ ھۆكۈمىتى بۇنىڭ سەل ئالدىدا خىتاينىڭ 200 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتىغا قويۇلغان 10 پىرسەنتلىك تاموژنا بېجىنى 25 پىرسەنتكە ئۆستۈرۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئىدى خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى پىلانىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، 60 مىليارد دوللارلىق ئامېرىكا مەھسۇلاتىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، «خەلق گېزىتى» نىڭ ئوبزورىدا پرېزىدېنت ترامپنىڭ سودا سىياسىتىنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن 6-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ شاڭخەي ئاكسىيە بازىرىدىكى پاي چېكى چۈشۈپ، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى داۋاملىق ئاجىزلىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت