پرېزىدېنت ترامپ سودا سۆھبىتىدە خىتاي بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 13‏-دېكابىر جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىنىڭ ۋاقىتلىق كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى، خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلىدىغان 160 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، بۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىدە ھاسىل قىلىنغان ۋاقىتلىق سودا كېلىشىمىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت ترامپ يەنە15 پىرسەنت تاموژنا بېجى ئېلىنىۋاتقان 112 مىليارد دوللارلىق خىتاي ئىمپورت مەھسۇلاتىنىڭ بېجىنى 7. 5 پىرسەنتكە چۈشۈرىدىكەن. پرېزىدېنت ترامپ تىۋېتىردا ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇنىڭ بەدىلىگە خىتاينىڭ زور مىقداردا ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇ بۇنىڭ مىقدارىنى تىلغا ئالمىغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدىكى ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىرلار خىتاينىڭ 50 مىليارد دوللارلىق ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشقا ۋەدە قىلغان-قىلمىغانلىقىنى سورىغان، لېكىن خىتاينىڭ مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى لياۋ مىن بۇ سۇئالغا جاۋاب بەرمىگەن.

سودا كېلىشىمى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىيەسى» 3‏-دېكابىر كۈنى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ، كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇشقا سۇنۇلغان شۇنداقلا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسى» نىڭ كېڭەش پالاتاسىدا تېزرەك ئاۋازغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىپ، كېڭەش پالاتاسىنىڭ كۆپ سانلىقلار رەھبىرى مىچ مىكونېلغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقان ھالقىلىق مەزگىلدە ھاسىل قىلىنغان. سودا كېلىشىمىنىڭ قانۇن لايىھەسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئامېرىكاغا قارشى كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ھەرىكىتى قوزغاپ، ئامېرىكانى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك» كە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە «قارا چاپلىدى» دەپ ئەيىبلىگەن. 3 مىليوندەك مۇسۇلمان قامالغان لاگېرلارنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. 

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، گەرچە ئىككى تەرەپ ۋاقىتلىق سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئەڭ نېگىلىزلىك مەسىلىلەر يەنىلا ھەل بولمىغان. پرېزىدېنت ترامپ سودا سۆھبىتىنىڭ داۋامىنىڭ «2020‏-يىلدىكى سايلامنى كۈتۈپ تۇرماي دەرھال باشلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭ ھەممەيلەن ئۈچۈن قالتىس بىر كېلىشىم» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت