ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا بەرمەسلىك قوشۇمچە چەكلىمىسىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-12-21
Share

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 21-دېكابىر ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا بەرمەسلىك قوشۇمچە چەكلىمىسىنى ئېلان قىلدى.

«خىتاي مۇستەبىتلىرى ئۆز خەلقىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، تىنچ نامايىش قىلىش ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلدى. دۆلىتىمىز بۇ خىل جىنايەتلەرنى سادىر قىلغۇچىلارنى قارشى ئالمايدۇ» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان بۇ باياناتنامىدە، مايك پومېيو ئامېرىكانىڭ «كۆچمەنلەر ۋە دۆلەت تەۋەلىكى قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىغا ئاساسەن، ئومۇمەن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، ئۇنىڭغا شېرىك بولغان، سىياسەت بەلگىلىگەن ۋە ئىجرا قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋىزا بەرمەسلىك چەكلىمىسى قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ قارار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، تېخىمۇ كۆپ خىتاي كوممۇنىستلىرىنى ئۆز خەلقىنى باستۇرغانلىق قىلمىشى ئۈچۈن جازالىغانلىقى بولۇپ، ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەتتىكى بىر نەچچە خىتاي ئەمەلدارىغا ۋىزا چەكلىمىسى ۋە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەن بولسا، بۇ قېتىم كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى، مەيلى قەيەردىلا بولسۇن جازالاش ئۈچۈن بۇ قوشۇمچە چەكلىمىنى ئېلان قىلغان.

مايك پومپېيو بۇ باياناتنامىسدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تىنچلىق يولى بىلەن كۈرەش قىلغان كىشىلەرنى، جۈملىدىن ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» غا ئەمەل قىلىپ، ئۆز پۇقرالىرىنى ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن قىلىشقا چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت