خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تاقاش ۋە تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.07.27

ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېچىلغان خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 27-ئىيۇل كۈنى يىغىن ئاخىرىدا خۇلاسە باياناتى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايونىدا قۇرغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاش ۋە تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى، دىنىي رەھبەرلەر ۋە بىر قىسىم دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلغان بۇ يىغىننىڭ باياناتىدا ئالدى بىلەن يىغىن ئەھلىنىڭ خىتايدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى، تىبەت بۇددىستلىرى، كاتولىكلار، پروتېستانتلار ۋە فالۇنگوڭچىلارنىڭ ئۇچراۋاتقان دىنىي بېسىم ھەم چەكلىمىلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن؛ ئاندىن بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ چەكلىنىشى، مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى قايتۇرۇپ ئەكىتىلىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە يۈز مىڭلىغان ۋە بەلكى مىليونلىغان كىشىنىڭ سىياسىي تەربىيە لاگېرىغا سولىنىشى ۋە لاگېرلاردىن ئۆلۈم خەۋەرلىرىنىڭ چىقىۋاتقانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەردىن قاتتىق قايغۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. يىغىن ئەھلى باياناتىدا خەلقئارا جامائەتكە ۋاكالىتەن خىتاينى دىنىي ئەركىنلىك جەھەتتە خەلقئارا ئەھدىنامىلەر بويىچە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاشقا چاقىرغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتقا ئامېرىكىدىن باشقا، كانادا، كوسوۋو ۋە ئەنگىلىيەمۇ ئىمزا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.