ئامېرىكا بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىگە ئېتىبار قىلمىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-07-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانى پەيشەنبە كۈنى خىتاي ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى قىلىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى جۈمە كۈنى ئۆزىنىڭ گۇئام ئارىلىدىكى ھەربىي بازىسىدا تۇرۇشلۇق ئىككى ب-1ب تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بۇ رايوندىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكا بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنىڭ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ئارىسىدا ئۆز-ئارا كۆرۈشۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۇچۇپ ئۆتۈشى دىققەت قوزغىدى.

رويتېرسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت ترامپ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللار مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، بىراق ئامېرىكا ھېچقاچان ئۆزلىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا «ئەركىن قاتناش ھوقۇقى» نى ئىپادىلەشتىن توختاپ قالمىغان.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىگە رويتېرس ئاگېنتلىقى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى ھوشيارلىق بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ كۈنى يەنە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ، «خىتاي بەزى دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز قاتناش ئەركىنلىكى دېگەن بايراقنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ھەربىي كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىشىغا، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىشىغا قارشى تۇرىدۇ» دېگەن. خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ رايوندا سۈنئىي ئاراللارنى ياسىغان ۋە ئۇنىڭغا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت