ئامېرىكا ياپونىيەنى قوغدايدۇ

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014.04.06


ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك خەيگېل ۋاشىنگتوننىڭ ياپونىيەگە ئىككى دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش پاراخوتى ئەۋەتىپ، شىمالىي كورىيەدىن كېلىۋاتقان تەھدىتكە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خەيگېل بۇ سۆزىنى يەكشەنبە كۈنى توكيودا ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىتسىنورى ئونودېرا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئېيتقان.

مەزكۇر ئىككى دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش پاراخوتى 2017 - يىلى ياپونىيەگە ئەۋەتىلىدىكەن . ئۇ يەنە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ياپونىيەگە قاراتقان ھەربىي قوللىشىنى ئاشۇرىدىغانلىقنى تەكىتلىدى.

خەيگېل سۆزىدە خىتاي مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينى قۇدرەتلىك دۆلەت دەپ ئاتىدى، بىراق ئۇ خىتاينىڭ ئۆز قوشنىلىرىنى ھۆرمەت قىلىشىنى تەكىتلىدى. بۇ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار مەسىلىسىدە فىلىپپىن، ياپونىيە ۋە باشقا ئەللەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارىتىلغان ئىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5 - ئاپىرىلدىكى سۆزىدە خەيگېل ئامېرىكانىڭ ياپونىيەنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن شۇنىڭدەك رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ۋە قىرىم مەسىلىسىگە تۇتقان قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلغان.

خەيگېل ياپونىيە سەپىرىدىن كېيىن خىتاي ۋە موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولماقچى

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.