ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن چۈەنگونى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.09.27

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى رەئىسى جىم ئىنخوف بىلەن دېموكراتىك ھەيئەت ئەزاسى جەك رېد تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيوغا مەكتۇپ يېزىپ، چېن چۈەنگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى مەسئۇللىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ترامپ ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يېزىشىدۇر. مەكتۇپتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىشى چوڭقۇر ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، «بىز بېيجىڭنىڭ ئىزچىل كۈچىيىپ مېڭىۋاتقان دىنىي ئاز سانلىقلارنى باستۇرۇشىغا قارىتا داۋاملىق تەدبىرلەرنى تېپىپ چىقىشىڭىزنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنى جاۋابكارلىققا تارتىشىڭىزنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالىرىغا ‹يەر شارى ماگنېتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى› نى ئىشقا سېلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز» دېيىلگەن. 

مەكتۇپتا يەنە ئەڭ قورقۇنچلۇقى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كىشىلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى ئىكەنلىكىنى، خەۋەرلەردە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئاز دېگەندە بىر مىليون كىشىنىڭ بۇ لاگېرلارغا قامىلىپ، مېڭە يۇيۇشقا ۋە كونتروللۇققا ئۇچراۋاتقانلىقى تەكىتلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

مەكتۇپتا يەنە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2018‏-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «بۇ لاگېرلاردا ئۆلۈم-يىتىم يۈز بېرىۋاتقانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ غايىب بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر كەلمەكتە. ھۆكۈمەت بۇ كىشىلەرنى ئېتنىك ۋە دىنىي كىملىكىگە قاراپ تۇتقۇن قىلماقتا. تۇتقۇنلارنىڭ جىنسىي خورلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل شەكىلدىكى تەن جازاسى ياكى شەپقەتسىز، غەيرىي ئىنسانىي ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك مۇئامىلىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە» دېيىلگەن. 

لېكىن بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ «ماگنېتىسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىش ھەققىدە ترامپ ھۆكۈمىتىگە يازغان تۇنجى مەكتۇبى ئەمەس. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كەڭ جامائەت پىكرى توپلاپ، خىتايغا خەلقئارا بېسىمنى كۈچەيتىش يولىنى تاللىماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.