خىتاي دېپلوماتلارغا ئامېرىكادىكى بەلگىلىك ئورگانلار بىلەن ئۇچرىشىشىتىن ئاۋۋال مەلۇمات بېرىش چەكلىمىسى قويۇلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرلىقى ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق خىتاي دېپلوماتلىرىغا قارىتا يېڭى تۈزۈم چىقارغان. يېڭى تۈزۈم بويىچە، ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق خىتاي دېپلوماتلىرى ئامېرىكادىكى ھەرقانداق يەرلىك ئورگانلار، دۆلەت ئورگانلىرى خادىملىرى ۋە شۇنداقلا مائارىپ ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئاۋۋال ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا مەلۇم قىلىشى كېرەككەن.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مەسئۇل خادىمنىڭ تاراتقۇلارغا بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىقى بۇ تۈزۈم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا دېپلوماتلىرىغا قويغان بەلگىلىمىسىگە قايتۇرۇلغان ئىنكاس بولۇپ، ئامېرىكالىق دېپلوماتلارمۇ خىتايدا ھەرقانداق بىر ئورگاننى زىيارەت قىلىش ياكى باشقا ئۆلكىلەرگە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ساياھەت قىلىشتىن بۇرۇن بېيجىڭ دائىرىلىرىدىن رۇخسەت سورايدىكەن. 

بىراق 16-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى مەزكۇر قارارغا ئېتىراز بىلدۈرگەن. ئۇلار «ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنستىرلىقى خىتاي دېپلوماتلارغا قويغان بۇ چەكلىمە ۋىياننا كېلىشىمىگە خىلاپ. خىتايدا ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىغا بۇنداق چەكلىمە يوق،» دېگەن. 

يۇقىرىقى بۇ قارار ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى يىرىكلىشىشنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى، دەپ قارالماقتا. خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئامېرىكادا يېقىندىن بۇيان زور غۇلغۇلا قىلىنىۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانغان. 

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا فېدىراتسىيە تەكشۈۈش ئىدارىسى ئامېرىكادىكى ھەرقايسى ئۇنۋېرسىتىتلارنىڭ پەن-تەتقىقات مەركەزلىرىنى بۇ ھەقتە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارنى خىتايدىكى دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك پەن-تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە شېركەتلىرىدىن كەلگەن زىيارەتچىلەرنى تەكشۈرۈشنى ۋە ھەمكارلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. 

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي دېپلوماتلىرىغا قويۇلغان يۇقىرىقى چەكلىمە بويىچە ھەر ھەپتە ئاز دېگەندە 50 ئەتراپىدا ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئېلىشنى مۆلچەرلىمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت