ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پەلۇسى ئامېرىكا دۆلەتلىك تىلاۋەت ناشتىلىقىدا لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغا دۇئا قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.02.06

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پەلۇسى 6‏-فېۋرال كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر دىنىي يىغىلىشتا خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى 3 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان تۇتقۇنلىرىغا دۇئا قىلغان.

ئۇ بۇ دۇئا-تىلەكنى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا دۆلەتلىك تىلاۋەت ناشتىلىقىدا قىلغان. ئۇ دۆلەتلىك تىلاۋەت ناشتىلىقىدا پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئارقىسىدىن سەھنىگە چىقىپ دۇئا قىلغاندا تەڭرىنىڭ لاگېرىدىكى تۇتقۇنلارغا ئېسەنلىك بېرىشىنى تىلىگەن.

ئامېرىكا دۆلەتلىك تىلاۋەت ناشتىلىقى ئامېرىكا پرېزىدېنتى، مۇئاۋىن پرېزىدېنتى، ئاۋام پالاتا رەئىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكانىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەربابلار، سىياسىيونلار، دىنىي زاتلار، پائالىيەتچىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، تەڭرىگە ئۆزىنىڭ تىلەك-ئىستەكلىرىنى يەتكۈزىدىغان بىر دىنىي يىغىلىشتۇر. مەزكۇر پائالىيەت 1953‏-يىلى سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى دېۋايت ئايزېنخوۋېرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن بېرى بۇ پائالىيەت ھەر يىلى بىر قېتىم مۇشۇ مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.

نەنسى پەلۇسى دۇئاسىدا مۇنداق دېگەن: «ئاھ تەڭرىم، سەن بىزنىڭ بۈگۈنكى ئەتىگەنلىك بۇ ناشتىدا بۇ يەرگە جەم بولۇپ، دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك جازالانغان مەزلۇملارغا، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن مىليونلىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىشىمىزغا ئىمكان بەرگىنىڭ ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز. بىز پەنچەن لاماغا ۋە ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئەگىشىپ، خىتايدا تۈرمىلەرگە تاشلانغان ھەم غايىب بولغان بارلىق تىبەت بۇددىستلىرىغا دۇئا قىلىمىز... خىتايدا ئۆيلىرىدىن ھەيدىلىپ، لاگېرلارغا قامالغان بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇرلارغا دۇئا قىلىمىز. شۇنداقلا بىز سەئۇدى ئەرەبىستانلىق رائىف بەداۋىغا، ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئەركىن ئىپادىلەپ، تۈرمىلەرگە قامالغان يازغۇچى ھەم ئەركىن دىنىي مۇتەپەككۇرلارغا دۇئا قىلىمىز.» 

نەنسى پەلۇسى بۇ سۆزلەرنى خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» كەڭ تارقىلىپ، ئۇنىڭ يۇقۇمى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يېتىپ بارغان شۇنداقلا ئۇنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقى چەتئەل تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىدە ئەندىشە قوزغاپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ لاگېرلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان مەزگىلدە قىلدى.

مەزكۇر مۇراسىمغا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋە مۇراسىمدا «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ نامى ئاتاپ ئۆتۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.