ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار روزا ھېيتى نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.06.25

25-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ فالىس چۇرچى شەھەرچىسىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئۇيغۇرلار روزا ھېيتى نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇپ، روزا ھېيتىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىرلىكتە ھېيت نامىزى ئوقۇش ۋە روزا ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلىكتە ئەتىگەنلىك يېمەككە داخىل بولۇش پائالىيىتىگە ۋىرگىنىيە، ماريلاند ۋە باشقا شتاتلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن تەخمىنەن 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

بۈگۈن، روزا ھېيتى نامىزىنى تەشكىللىگەن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى 30 كۈنلۈك رامزان ئېيى جەريانىدا ئۈچ قېتىم كوللېكتىپ ئىفتار پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. ۋىرگىنىيە ۋە ماريلاند شتاتلىرىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر جامائىتى ئۆز سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئايرىم ھالدا روزا ھېيتى ۋە قۇربان ھېيتى نامازلىرىنى بىرلىكتە ئوقۇماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.