ئامېرىكا سىياسىيونلىرى ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.01.06

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى رىك سكوت ئەپەندى 5-يانۋار كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئىتتىپاقى» نىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغانلىقىنى كەسكىن ئەيىبلىدى.

پالاتا ئەزاسى رىك سكوتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا پۇقراۋىي جەمئىيەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئىتتىپاقى» بىرنەچچە ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى مۇھىم تېما قىلغان ھالدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ تەلەپنى رەت قىلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى بېننېت فرېمەن مەزكۇر ئىتتىپاققا ۋاكالىتەن بۇ قېتىمقى سۆھبەت تەلىپىنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا يوللىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئولىمپىك مۇسابىقىسى تەۋەلىكىدىن سىقىپ چىقىرىشنى خالىمىدى» دېگەن.

بۇ ھەقتىكى ئەھۋال «نيو-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە تەپسىلىي خەۋەر سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوت ئەپەندى مەزكۇر باياناتنى ئېلان قىلغان. ئۇ باياناتتا ئېنىق قىلىپ: «خىتاي كومپارتىيەسى قىرغىنچىلىقنى داۋام قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق ھالدا جازا لاگېرلىرىغا قاماپ ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا. مۇشۇنداق ئەھۋالدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇسابىقە كىيىملىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرمىگەنلىكى ئۇلارنىڭ 100 پىرسەنت ھالدا شى جىنپىڭنىڭ قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىز ئورنىمىزدىن دەست تۇرۇشىمىز ھەمدە باش سېكرېتار شى جىنپىڭنى قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقى ئۈچۈن جازاغا تارتىشىمىز لازىم» دېگەن.

خۇددى شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئۆزىدە دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېف مېركېلىي ئامېرىكا ئېلېكتر ماتورلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى بايراقدار شىركەت بولغان Tesla شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە كۆرگەزمە زالى ئاچقانلىقىنى كەسكىن ئەيىبلىدى. 5-يانۋار كۈنى «ياخۇ ئىقتىساد كۆزنىكى» نىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا جېف مېركېلىي ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ «Tesla شىركىتىنىڭ بۇ قىلمىىشى ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى يوشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بىر ئامېرىكا شىركىتىنىڭ قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك داۋام قىلىۋاتقان بىر رايوندا ئۆز سودىسىنى باشلىشى ئۇچىغا چىققان ئەخلاقسىزلىق» دېگەن. شۇنداقلا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» غا ئىمزا قويغاننىڭ ئەتىسى Tesla شىركىتىنىڭ بۇ كۆرگەزمە زالىنى ئېچىشىنىڭ ئۆزى ئېلان ماسكنىڭ «بۇ ئىشلار ئۈچۈن بىزنىڭ پەرۋايىمىز پەلەك» دېگەنلىكىگە باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.