ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى كېۋىن مەككارتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە داۋاملىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.01.11

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى كېۋىن مەككارتى (Kevin McCarthy) ئاۋام پالاتاسىدا خىتاي تەھدىتىگە قارشى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى قۇرۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تىۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ، ئامېرىكانىڭ خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كېۋىن مەككارتى 10-يانۋار كۈنى يوللىغان بۇ تىۋېتىدا مۇنداق دېگەن: «جۇمھۇرىيەتچىلەر رەھبەرلىكىدىكى ئاۋام پالاتاسى خىتاي كومپارتىيەسىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ: خىتايغا تايىنىشنى ئاخىرلاشتۇرىمىز؛ كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى تۇرىمىز؛ دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى قوغدايمىز».

كېۋىن مەككارتى 10-يانۋار كۈنى ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئالاھىدە ئىشلىرى كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ بىرلىشىپ، خىتاي كوممۇنسىت ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا، ئامېرىكاغا سېلىۋاتقان تەھدىتىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ بۇ جەھەتتە مۇھىم ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

10-يانۋار كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى مايكول مەككاۋۇل (Michael McCaul) ئاۋام پالاتاسىدا خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى قۇرۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات بېرىپ، مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى بىزنىڭ ئاۋام پالاتادىكى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۈستىگە ئالغان مۇھىم خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدۇ؛ بۇ بۇنىڭدىن كېيىن جۇمھۇرىيەتچىلەر كۆپ ساننى ئىگىلىگەن ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنى تەھدىت دەپ كۆرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا كۈچلۈك دىققەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر كومىتېت يەنە ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتلار ئۈچۈنمۇ خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى كۈرەشكە قېتىلىش پۇرسىتى سۇنىدۇ».

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتى تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى ئىلگىرىكى خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر كومىتېتنىڭ يېڭى سايلانغان رەئىسى مايك گالاگېر (Mike Gallagher) ئۆزىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتىگە قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.