ۋىسكانسىن شتاتىدىكى دېموكراتلار مىلياردېر چاماس پالىپاخىتىيانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزى سەۋەبلىك ئىئانىنىسى قايتۇرىۋەتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022-01-21
Share

ئامېرىكانىڭ ۋىسكانسىن شتاتىدىكى دېموكراتلار ئامېرىكا سودا ساھەسىدىكى مىلياردېر، «NBA ئالتۇن شتات جەڭچىلىرى» ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ پاي چەك ھەسسىدارى چاماس پالىخاپىتىيانىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى نامۇۋاپىق سۆزى تۈپەيلى ئۇنىڭ سىياسى ئىئانىسىنى قايتۇپ بەرگەن.

«ۋاشىنگتون ئەركىن ماياك» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دېموكراتلار پارتىيەسى ۋىسكانسىن شۆبىسىدىكىلەر 19-يانۋار كۈنى چاماس پالىخاپىتىيانىڭ ئۆتكەن يىلى ئۇلارغا ئىئانە قىلغان 10 مىڭ دوللار سىياسى ئىئانىسىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىۋاتقان بىر خەير-ساخاۋەت ئورنىغا ئىئانە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە ۋىسكانسىن شتاتىدىكى دېموكراتلارنىڭ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى كاندىداتى ئ‍الېكىس لاسرىنىڭمۇ چاماس پالىخاپىتىيانىڭ بۇ يىل ئۇنىڭ سايلام رىقابىتىگە بەرگەن 2900 دوللار سىياسى ئىئانىسىنى قايتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. چاماس پالىخاپىتىيا ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «ھەممە ئ‍ىچىدە» ناملىق سىن پروگراممىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى نەق مەيدان سۆھبىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۇئالغا «بىزنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن نېمە كارىمىز»، «بۇ ئىشلار مەن ئۈچۈن ئالدىن ئويلىشىدىغان مەسىلىلەر ئەمەس» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇنىڭ سۆزى ئامېرىكا جامائەت پىكىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ، بۇ مەسىلە ئامېرىكادىكى شۇ كۈنلۈك ئەڭ چوڭ مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان.

ھەتتا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تام كوتتون يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى NBA نى چاماسنىڭ «ئالتۇن شتات جەڭچىلىرى» دىكى پاي چەك ھەسسىسىنى سېتىشقا مەجبۇرلاشنى چاقىرغان. تام كاتتون «بەلكىم ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن كارى يوق، شۇنداق رەھىمسىز بىرسى بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئامېرىكا خەلقىنىڭ كارى بار» دەپ كۆرسەتكەن. «ۋاشىنگتون ئەركىن ماياك» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، چاماس پالىخاپىتىيا ئىلگىرى پرېزىدېنت بايدېننىڭ سايلام رىقابىتىگە 250 مىڭ دوللار، كېڭەش پالاتاسىنىڭ كۆپ سانلىقلار رەھبىرى چاك شۇمېرغا 750 مىڭ دوللار سىياسىي ئىئانە بەرگەن ئىكەن. خەۋەردە يەنە ئۇنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئېلزابېت ۋاررېننى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ نۇرغۇن سىياسەتچىلىرىگە ئىئانە بەرگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت