ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى مارك ئەسپىر: «خىتاي 21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ نازارەت دۆلىتى»
2020.01.24
ئامېرىكانىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى مارك ئەسپىر خىتاينى «21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ نازارەت دۆلىتى،» دېگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى مارك ئەسپىر 24-يانۋار جۈمە كۈنى قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارەت دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق، سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيەسىنى ئۆز تېرىتورىيەدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ۋە دېموكراتىيە نامايىشچىلىرىنى باستۇرىدىغان ۋاستىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ ۋاشىنگتوندىكى بىر يىغىندا قىلغان سۆزىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي كومپارتىيەسى 21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ نازارەت دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقتى. كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى نازارەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بۇ سىستېما ئىنسانلارنىڭ پىكرىنى چەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلماقتا.»
مارك ئەسپىر سۆزى داۋامىدا يەنە خىتاي بەرپا قىلغان بۇ سىستېمىنىڭ جورجى ئورۋېلنىڭ «1984» ناملىق كىتابىدا تەسۋىرلەنگەن نازارەت دۆلىتىگە ئوخشايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.









